ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى بىناسىدا 13-فېۋرال باشلانغان 73-قېتىملىق يىغىنى 15-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ «خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى ئەھدىنامىسى»نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ چىققان. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنىلا مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان بۇ يىغىندا، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرۈش، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر»گە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»نىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىۋاتقان سەزگۈر مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى مىنىستىرلىقلار، مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان ناھايىتى چوڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى 15-فېۋرال كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىنا سىرتىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنىڭ چۇقان سادالىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئاقلىغان.

يىغىندا ب د ت مۇتەخەسسىسى رودىرىك ھېنىبېل، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە سۇئال قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشتە قانداق تەدبىرلەرنى ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغان.
رودىرىك ھېنىبېل مۇنداق سوئال قويغان: «مەجبۇرىي ئەمگەك _ ئەمگەك ھەقلىرىگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ دەپسەندىچىلىك. بىزنىڭ ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا. ئەمگەك ئارقىلىق <قايتا تەربىيەلەش> ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا، تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە، سىياسى تەربىيە لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلغان. بۇنىڭدا ھۆججەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ نىشان بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. دۆلىتىڭلار بۇ قىلمىشقا خاتىمە بېرىشتە قانداق كونكىرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشنى، بۇنىڭ قۇربانلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋە تۆلەم تۆلەشنى ئويلىشىۋاتىدۇ؟»
رودىرىك ھېنىبېل يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلاردىكى لاگېرلارغا قارىتا قانداق مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزىمى يولغا قويماقچى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ لاگېرلاردىكى <كەسپىي تەربىيەلەنگۈچىلەر>گە ئائىت كونكىرېت سانلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.
رودىرىك ھېنىبېل يەنە خىتاي ۋەكىللىرىدىن «ئوخشاش مەسىلىدە يەنە دۆلەت تىبەت ۋە شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرىدا مۇستەقىل، تەرەپسىز تەكشۈرۈش مېخانىزىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالدى؟ شۇنداقلا يەنە <كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى>گە ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا قانچىلىك ئۇزۇن قالىدىغانلىقىغا ئائىت سانلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەمسىز؟»
رودىرىك ھېنىبېل يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغان-كۆرۈشۈلمەيدىغانلىقىنى؛ ھۆكۈمەت توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتنىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قانداق تەدبىرلەرنى ئالماقچى بولىۋاتقانلىقىنى؛ ب د ت ئالاھىدە خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا ۋەدە بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى؛ خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت مۇتەخەسىسسلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىشكە ۋەدە بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى؛ خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى سورىغان.
ھالبۇكى، يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت مۇتەخەسسسىنىڭ يۇقىرىقى سۇئاللىرىغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن مەيدانىنى شەرھىيلىگەن. ئۇيغۇرلار ھەقتىكى بۇ سۇئاللارغا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدىكى خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بىر ئەمەلدارى جاۋاپ بەرگەن. ئۇ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلكىرى»نىڭ ئادەتتىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورۇنلارنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش مەقسىتىدىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «تەربىيەلەش مەركەزلىرى كىشىلەر ئېيتقاندەك بىر <تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى> ياكى بىر <مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش لاگېرلىرى> ئەمەس. ئۇ رادىكاللىقنى تۈگىتىش خاراكتىرىدىكى مەكتەپ. ئەلۋەتتە، ئۇ ئادەتتىكى مەكتەپلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئالاھىدە نىشاننى چىقىش قىلغان. ئۇ ھەرگىز جەمئىيەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئېھتىياجلىق ئاساسى نۇپۇسنى نىشان قىلمايدۇ. ئۇ ئىلگىرى رادىكاللىق ۋە تېرورلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، قانۇنغا خلاپلىق قىلغان، لېكىن ھەركىتى جىنايەتكە توشمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان.»
لېكىن بۇ ئەمەلدارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دىكى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ۋە ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنى چىقىش قىلغان بولۇپ، «ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتناشمايدىكەن». ئۇ بۇ ئورۇنلاردا «مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ خىل مەركەزلەردىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 2019-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن 2018-يىلى 8-ئايدا بۇ مەركەزلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر 2019-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، بۇ مەركەزلەردىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەتكە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بۇ، خىتاينىڭ 1999-يىلى «خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى ئەھدىنامىسى»غا ئىمزا قويغاندىن بېرى، ب د ت نىڭ 3-قېتىم خىتاينىڭ بۇ ئەھدىنامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىشىدۇر. ب د ت ئاخىرىقى قېتىم 2014-يىلى، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چوڭ تۇتقۇنى باشلىنىشتىن 3 يىل ئاۋۋال ئۇنىڭ بۇ بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى 16-فېۋرال كۈنى يەنە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بەزى نېگىزلىك سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىدىكەن.