خىتاي ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە سېتىش بىلەن ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەدىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق بىر مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى 24‏-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈۋاتقانلىقى ۋە سېتىۋاتقانلىقى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىنايەتكە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش «مەجبۇرىيىتى» نىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ھامىد سابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لوندوندىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرىۋاتقانلىقىنىڭ «ئورۇنلۇق بىر گۇماندىن ھالقىغان رېئاللىق ئىكەنلىكى دەلىللىگەن.»

سابىق سېربىيە ئۇرۇش جىنايەتچىسى سلوبودان مىلوشىۋىچنىڭ دېلوسىدا باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سىر جېفرېي نايىس باشچىلىقىدىكى بىر خەلقئارا مۇستەقىل قانۇن مۇتەخەسسىسلەر كوللېگىيەسى بۇ يىل 6‏-ئايدا كېسىم چىقىرىپ، خىتاينىڭ فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بىمارلارغا سېتىپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە «ئورگان بانكىسى» قۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھامىد سابى سەيشەنبە كۈنى ب د ت دا خىتاينىڭ فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «دوربان خىتابنامىسىدە ئىچكى ئورگان سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ بارلىق شەكىللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش، ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن ئىدى. لېكىن خىتاي كوللېگىيە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئالاقىدار دەلىللەر ئاساسىدا خىتايدا يىللاردىن بېرى فالۇنگوڭ ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ زور كۆلەمدە مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا يۈزمىڭلىغان قۇرباننىڭ چېتىلىدىغانلىق يەكۈنىگە باردى. كوللېگىيە مۇستەقىل قانۇن مەسلىھەتچىلىك ئورنى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى "ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش" جىنايىتى سادىر قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ "ئورۇنلۇق گۇماندىن ھالقىغان رېئاللىق" ئىكەنلىكىنى دەللىدى،» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھايات ياشاۋاتقان، چارىسىز، ھېچكىمگە زىيىنى يوق، تىنچ كىشىلەرنىڭ يۈرەك باغرى ۋە باشقا ئورگانلىرىنى كېسىپ ئېلىش دەۋرىمىزدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋەھشىيلىكتۇر. ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي پىداكارلىقتۇر. بىراق ئىچكى ئورگاننى دەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەت. ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بۇنى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق" مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قاراپلا قالماي، بەلكى "ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت" دەپ جاۋابكارلىققا تارتىش مەجبۇرىيىتى بار. خىتاي كوللېگىيەسى بۇنىڭغا شۇنداق قارايدۇ. بۇ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 2016‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئامبىرىنى قۇرۇشى شۇنداقلا 2017 ‏-يىلدىن باشلاپ 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى مۇتەخەسسىسلەردە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ، دېگەن گۇمانلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئامېرىكادىكى ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتان گۇتماننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ھەر ھەپتىدە لاگېردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدىكەن.

ئۇ 25‏-سېنتەبىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن شۇنى ناھايىتى ئېنىق كۆردۇق، خىتاي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە تېببىي ئېھتىياجنى چىقىش قىلمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىلمىشى يامانلاشماقتا. ئىلگىرى شىنجاڭدىكى جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان سالامەتلىك تەكشۈرۈشى كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشقا قارىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەن ئۆزۈم ئېلىپ بارغان بەزى زىيارەتلەر ناھايىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەر ھەپتىسى لاگېرلاردىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئەگەر بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسى توغرا ئېلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق، جەنۇبىي كورېيەلىك، ياپونىيەلىك، گېرمانىيەلىك بىمارلارغا كۆچۈرۈلسە، خىتاي ھەر بىر كىشىدىن بىر مىليون دوللاردىن بىر يېرىم مىليون دوللارغىچە پۇل تاپىدۇ.»

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشنى توختىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلىرىنىڭ بىرى-ئۇنىڭ بىلەن بولغان مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا بەدەل تۆلىتىش كېرەك ئىكەن. ئېتان گۇتمان خىتاي بىلەن بولغان سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلىدە ب د ت نىڭ بەزى ھوقۇقلىرى بار. ھېچ بولمىسا ب د ت مېدىتسىنا ساھەسىگە يوليورۇق بېرىپ، ئۇلارغا مېدىتسىنا دۇنياسىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتالايدۇ. بۇ مەسىلىدە مېدىتسىنا دۇنياسى خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساھەسىنى قامال ئاستىغا ئالالايدۇ. ھېچقانداق بىر خىتاي ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش دوختۇرىنىڭ چەتئەلدىكى ئىلمىي يىغىنلارغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى مېدىتسىنا ئىلمىي ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ غەربتىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇشى ۋە بىلىم ئاشۇرۇشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. ئەلۋەتتە، دورىگەرلىك ساھەسىدە خىتاينى بىلمەي تۇرۇپ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىلماسلىقى لازىم. بىز ئىلگىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىق يولىنى سىناپ باقتۇق. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، شىنجاڭدا تەخمىنەن 15 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ قان ئۆرنىكىنىڭ ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈشى، خىتايلارنىڭكىنى ئەمەس، پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭكىنىلا ئېلىپ تەكشۈرۈشى بىزگە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. نۆۋەتتە، خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش دەۋرى ئاخىرلاشتى. نۆۋەتتە ب د ت نىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى كەلدى. ئۇلار خەلقئارادا يېتىم قالدۇرۇلۇپ، ئۆز قىلمىشىنىڭ بەدىلىنى ئۆتۈشى كېرەك.»

«خىتاي كوللېگىيەسى» يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگوڭچىلار، ئورگان كۆچۈرۈشكە قاتناشقان شاھىتلار ۋە شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئىشىتكەن. مەزكۇر خەلق سوت كوللېگىيەسىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ ئىچىدە مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋادەك شاھىتلار ۋە ئامېرىكادىكى ماسساچۇسېتتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ گېنىتىك تەتقىقاتچىسى مايا مۇتەللىپوۋادەك مۇتەخەسسىسلەرمۇ بار ئىدى. «خىتاي كوللېگىيەسى» بۇ يىل 6‏-ئايدا چىقارغان كېسىمىدە «نۆۋەتتە خىتاينىڭ فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارغا قارىتا ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان كەڭ كۆلەملىك بەدەن تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى» تەكىتلەنگەن ئىدى.