پەرزەنتلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان 5 ئۇيغۇر ئايال ب د ت غا تەلەپ سۇندى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈپ يېتىپ بارغان 5 نەپەر ئۇيغۇر ئايال ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدا قالغان، 5 يىلدىن بۇيان ئالاقە قىلالمىغان ۋە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنغان.

بۇ بەش ئايالنىڭ بىرى بولغان قەلبىنۇر تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى شۆبە ئەمەلدارلىرى بىر ھەپتە ئىچىدە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

22-مارت دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاياللار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تۈركىيەنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە گېرمانىيەنىڭ تېلېۋېىزىيە قانىلى بولۇپ، بىر قانچە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان رەيھان ئەخمەت خانىم ئۆزىنىڭ 18 ياشتىن كىچىك باللىرىدىن بەش يىلدىن بۇيان ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. رەيھان خانىم 2016-يىلى تۈركىيەگە قانۇنلۇق يوللار بىلەن كەلگەن بولۇپ، ھاياتى بويىچە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق ئىش قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مەن پەقەت بىر ئانا سۈپىتىدە ياشاشنى خالايمەن. ئۆز بالامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالايمەن. 5 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتىمىز، بىراق يۇرتىمىزدا قالغان 8-9 ياشلىق باللىرىمىزدىن خەۋەر ئالالمىدۇق. بىز ئانىلار ئۈچۈن بۇ ئەھۋال بەك ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىسى يېنىدا بولمىغان بىگۇناھ مەسۇم باللىرىمىز قەيەردە، قانداق بىر ھايات ياشاۋاتىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز،» دېدى.

رەيھان خانىم 3 يىلدىن بۇيان باللىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسىغا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى، بىراق ھېچقانداق بىر شەكىلدە جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رەيھان خانىم دۇنيا جامائىتىنى ياردەمگە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «باللىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، بىزنىڭمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش باللىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش، ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاش ھەققىمىز يوقمۇ؟ پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن، كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىلىرىدىن، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدۇغۇچىلاردىن، ب د ت مۇساپىرلارنى قوغداش كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىن، پۈتۈن دۆلەت رەھبەرلىرىدىن، دۇنيادىكى پۈتكۈل ئانىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز. ئۇلاردىن ئىگە-چاقىسىز، يالغۇز قالغان بالىلىرىمىزغا ياردەم قىلىشىنى، ھېچ بولمىغاندا بالىلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا، ئۇلارنىڭ ھايات ياشاۋاتقانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقىشىمىزغا ياردەم قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئەنقەرەدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش جەريانىدا ئامىنە مۇھەممەد ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئەھۋالى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن. قەلبىنۇر خانىم، ئامىنە خانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ دەردىدە بىر قانچە قېتىم مۇشۇنداق تۇيۇقسىز ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قەلبىنۇر تۇرسۇن خانىم ئەنقەرەگە كېلىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن يالغۇز تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىلىرىغا ياردەم تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كەلگەنلىكىنى، شۇ قاتاردا ب د ت نىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىغىمۇ ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر قانچە يىللاردىن بۇيان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان بۇ ئۇيغۇر ئانىلار 25-مارت كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى ئەنقەرەگە كەلگەندە بالىلىرىنى سورۈشتە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.