بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە خىتايغا قارشى ۋە خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
1-ئاينىڭ 4-كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېلگىيە ئەركىن تىبەت جەمئىيىتى، خەلقئارا ئەركىلىكنى قوغداش ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئاز سانلىقلارنى قوغداش جەمئىيىتى بىرلىكتە خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا بولغان چاقىرىقنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياۋروپا كومىتېتى مەركىزى بىناسىنىڭ ئالدىدا چوڭ تىپتىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر نامايىش ھەر قايسى جەمئىيەتلەر بىرلىكىدە جانلىق شوئارلار بىلەن ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشچىلار جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن يۈرۈش قىلىپ، نامايىشنى خىتاي سودا بانكىسى ۋە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغىچە داۋام قىلغان.
بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بېلگىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىرېكتورى كۆن ئەپەندىم، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ دىرېكتورى ۋەنساڭ، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىمىر ئەپەندى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى قاتارلىقلار نامايىشتا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئەپەندى نامايىشتا سۆزلىگەن نۇتقىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندىم بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
نامايىش بولۇۋاتقاندا بىريۇسسېل ئاخبارات كۇلۇبىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە بەس مۇنازىرىلەر بولغان، نامايىش مەيدانىدىكى كۆرۈنۈشلەر شۇ ئاخبارات كۇلۇبىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلغان.