بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىغان ئاللىيانز شىركىتىگە قارشى نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى 4-فىۋرال كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايغا ۋە خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللاۋاتقان دۆلەت ۋە شىركەتلەرگە مەركەزلەشمەكتە.

21-يانۋار كۈنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بىرلېندىكى ئاللىيانز شىركىتىنىڭ ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ شىركەتنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ھەرخىل تىللاردا ئاللىيانز شىركىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىش پائالىيتىنى باشلاتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئاللىيانز» ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر ماركا بولۇپ، ئادولف ھىتلېر دەۋرىدە بۇ شىركەت ناتسىستلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىكەن. 1933-يىلى ئاللىيانز شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى كۇرت شىمىت ناتسىستلار پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى «گېرمانىيە ئۈچىنچى ئىمپىرىيەسى» نىڭ مالىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىكەن. ئۇيغۇر، تىبەت خوڭكۇڭ ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر بىرلەشمە گورۇپپا ئاللىيانز شىركىتىنىڭ تارىخىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەن بىر ھۆكۈمەتنى قوللىغانلىقىدەك خاتالىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىماسلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ چاقىرىق پائالىيىتىگە قاتناشقان مىشا ئۇشاكوف ئاللىيانز شىركىتىگە چاقىرىق قىلغان سىن كۆرۈنۈشىدە مۇنداق دېگەن: «يېغىۋېلىش لاگېرلىرى مەۋجۇت بولغان دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىماسلىقى كېرەك. ئاللىيانز شىركىتىنىڭ تارىخىي خاتالىقى بۇنىڭغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاللىيانز شىركىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرنىڭ بىرى ئىكەن.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىغا چەت ئەل شىركەتلىرىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنى «قىشلىق تەنتەربىيەنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەنزىلى» دەپ بازارغا سېلىشقا باشلىغان. يېقىندا BBC ئامېرىكادىكى «بۇرتون» ناملىق داڭلىق قىشلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە بىر قىشلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرى مۇلازىمەت مەركىزى ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

غەيۇر قۇربان ئەپەندى ئاخىرىدا ئاللىيانز شىركىتىگە ئوخشاش چوڭ شىركەتلەرنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىمايدىغانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ساناقلىق كۈنلەر قالدى. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتايغا بېرىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان دۆلەت ۋە شىركەتلەرگە مەركەزلەشمەكتە.

ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغانىدى. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ 11-يانۋار كۈنى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالىنا ئاندېرسون بۇنىڭ سىياسىي سەۋەب ئەمەس، ئەكسىچە خىتايدا يامراپ كېتىۋاتقان ۋىرۇس تەھدىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شۇلېز ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومىكرون يۇقۇمىدىن ئەندىشە قىلىش تۈپەيلىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق بىرقىسىم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا بىرنېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇسابىقە كۆرۈشكە بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.