ۋاشىنگتون شەھىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقسىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز ۋە شەھرىزات
2022.02.03
ۋاشىنگتون شەھىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقسىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق نامايىشىدا «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەۋەتىلگەن سابىق باش ئەلچىسى ئاندريېۋ برېمبېرگ ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 3-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

4-فېۋرال كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلماقچى بولۇشى، يەنە بىر قېتىم قارشىلىققا ۋە تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى. 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغىنى، بۇ قېتىمقى نارازىلىق ۋە تەنقىد سېپىگە قاتناشقانلار مەيلى سان جەھەتتە بولسۇن ياكى كۆلەم جەھەتتە بولسۇن، زور دەرىجىدە ئاشقان ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ باشلامچىلىقىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، «خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «خەلقئارا تىبەت ھەركىتى» قاتارلىق ئون نەچچە تەشكىلات بىرلىشىپ، قىرغىنچىلىقنىڭ ئىجراچىسى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىشىغا قارشى بىرلەشمە يىغىلىش تەشكىللىگەندە، بۇنىڭغا كۆپلىگەن شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار ئاۋاز قوشتى.

3-فېۋرال كۈنى چۈشتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدىكى كەڭ مەيدان قوللىرىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تېكىستلەر بېسىلغان كۈنلۈك ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى»، تىبەت مىللىي بايرىقى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن كىشىلەر بىلەن ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى. توختىماستىن يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي نامايىش مەيدانىغا توپلانغان ھەر ساھە كىشىلىرىمۇ بارغانسېرى زور بىر توپنى ھاسىل قىلماقتا ئىدى.

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق نامايىشىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 3-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق نامايىشىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 3-فېۋرال، ۋاشىنگتون.

«كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەۋەتىلگەن سابىق باش ئەلچىسى ئاندريېۋ برېمبېرگ بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان بىر مەسىلە سۈپىتىدە «ئولىمپىك روھى» ۋە «ئولىمپىكنىڭ ئاداققى نىشانى» نىڭ بېيجىڭدا ئاشكارا ھالدا دەپسەندە بولغانلىقىنى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى، دۇنيا خەلقى ئاشكارا ھالدا قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەۋاتقاندا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ رېئاللىقنى كۆرمەسكە سېلىپ قىرغىنچىلىققا يەنە بىر قېتىم يول قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېراسنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە قورچاق قىلىپ ئوينالغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل بەشېلېتنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلماي بېسىپ يېتىۋالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا كۆپ قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇشۇنداق ئاچچىق رېئاللىققا قارىتا سۈكۈت قىلىشنى تاللىۋالغانلىقىنى ئەيىبلەپ «سىلەرگە نومۇس!» دەپ خىتاب قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىىنىڭ «قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «شى جىنپىڭ قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغۇچى بولسا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ مۇسابىقە ھەققىدىكى بارلىق تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگۈچى،» دەپ كۆرسەتتى.

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق نامايىشىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 3-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق نامايىشىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 3-فېۋرال، ۋاشىنگتون.

نامايىشتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ، 2008-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ شەھىرىدە يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىبخانلىق قىلغان ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ ئولىمپىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا دۇنيا جامائىتىگە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەر ۋە كۆپلىگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىدەك رېئاللىقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى روشەن ئاشكارا بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانلىقى نومۇسسىزلارچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن ئىدى. مانا ئەمدى بۇ مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. شۇ سەۋەبتىن بۈگۈن بىز زۇلۇم قىلغۇچىلار بىلەن ئەمەس، بەلكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز.»

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدار ئېلتەبىر، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى بابۇر ئىلچى قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرىنى مىسال كەلتۈرگەن ھالدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئۈچۈنمۇ زور بىر ئاپەتنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بېيجىڭ شەھرىگە بېرىشنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نىزامنامىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتى ماددىلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى، بىر قىسىم خەلقئارالىق شىركەتلەر، مەسىلەن، ئالىبابا، كوكا كولا، ئ‍نتېل، پاناسونىك، سامسوڭ، تويوتا قاتارلىقلارنىڭ بۇ قېتىملىق «قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى» نى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى، ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ خىل قەبىھ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولغانلىققا باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نامايىش پائالىيىتىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىققان يەنە بىر سەنئەت ئەسىرى ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي ئارتىست باديۇساۋ سىزغان كارتون رەسىملەر توپلىمى بولۇپ، 2021-يىلى 4-ئۆكتەبىردىكى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە تۇنجى بولۇپ كۆرگەزمە قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى زورلۇق كۈچ ئارقىلىق باستۇرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، ۋىرۇس ۋاباسىنى يوشۇرۇش قىلمىشى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نازارەت مېخانىزىمى جانلىق تەسۋىرلەنگەن بۇ كارتون رەسىملەر مۇنبەرنى ئايلاندۇرۇپ تىزىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بەكمۇ جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىدى.

يىغىلىش پائالىيىتىدە خىتاي دېموكراتىيە ھەركىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ دەن، تىبەت پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋەكىلى بۇچۇڭ سېرىڭ، خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرىدىن جوي سيۇ قاتارلىقلارمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭدىكى شۇنچە روشەن مەلۇم بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدەك بىر تارىخىي ھادىسىنىڭ بىر ياققا قايرىپ قويۇلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەققانىيەت ياكى زۇلۇمنىڭ قايسىسىنى تاللاشتا كەسكىن سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرگەن ھالدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن يۈگۈرىۋاتقان ئۇيغۇر تەنھەركەتچى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ئ‍ۇنىڭ ئامان بولۇشىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ نېمە دەپ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

نامايىشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شۇنچە كۆپ ساھەنىڭ بۇ تېما ھەققىدە شۇنچە ئ‍اسان بىر مۇنبەرگە جەم بولۇشىدا كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ شەھرىدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى بۇ نامايىش مۇشۇ ھەپتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 50 نەچچە شەھەردە تەڭلا ئۆتكۈزىلىدىغان «2022-يىلى بېيجىڭغا ‹ياق! › دەيمىز» تېمىسىدىكى ھەمكارلىق نامايىشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇلاردىكى بىر ئورتاق تېما «قىرغىنچىلىقنىڭ ئىجراچىلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس» دېگەن مەزمۇندا ئىكەن. جۈملىدىن نيو-يورك شەھىرىدىمۇ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئوخشاش مەزمۇندىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر ساھەدىن كەلگەن كۆپلىگەن زاتلار، جۈملىدىن توم سۋازى قاتارلىق بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسيونلىرى ئىشتىراك قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.