خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» زۇلۇمى، سەۋەبلىك 4-فېۋرال باشلىنىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارىتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش تەدبىرلىرى ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا قاتارلىق بىرقىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى تەنھەرىكەتچىلەرمۇ مەزكۇر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2022 يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايغا مايىل دۆلەتلەرلا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتكەن.
خەلقئارادىكى بۇ خىل ۋەزىيەتكە قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى «سۆزلىتىش» ۋە بىرقىسىم چەتئەللىكلەرنى «ياللىۋېلىش» ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمىدى»، «ئۇيغۇرلار خىتايدا باراۋەر سىياسىي ھوقۇققا ئىگە ۋە بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەن تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ31-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسگە ئۇيغۇر رايونىدىكى قار-مۇز تېيىلىش ماھىرلىرىدىن، تىيەن رۇينىڭ، دىلنىگار ئىلھامجان، بايان جالىن، ۋاڭ زىياڭ، ئاقنار ئارداق، قادىس بادەلقان قاتارلىق 6 نەپەر تەنھەرىكەتچىنىڭ تاللانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە يەنە، ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈشكە، غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسىدىكى مەمەتجان ئۆمەر ئىسىملىك ئۇيغۇر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى قاتناشقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
ئىسرالىيەدىكى يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋاللار غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىنى، «ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش» بىلەن ئەيىبلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەمدىلىكتە «ئولىمپىك» نى ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاشنىڭ بىر ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقى» نىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى ئىكەن.
گوللاندىيەدىكى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسدە ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈشكە مەمەتجا ئۆمەر ئىسىملىك ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسىنى قاتناشتۇرۇشىدىكى سىياسىي مەقسەتنىڭ دىققەت قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، نۆۋەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك ئەيىبلەش ئوبيېكتى بولۇۋاتقان ۋە مۇناسىپ تەدبىرلەر ئېلىنغان ئۇيغۇرلار قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاسىيە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارالىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىش، خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسىي تاكتىكىلارنىڭ بىرى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلدىكى «بېيجىڭ ئولىمپىكى» دىمۇ، تونۇلغان ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇرنى مەشئەل كۆتۈرگۈزۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتايدا سىياسىي جەھەتتىن باراۋەر ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانىكەن.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات مۇدىرى، نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» نىڭ دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىغا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» قاتارلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەب بولغان.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىشنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنى ئاقلاش يولىنى تاللىغان.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى ئىنكار قىلىشتا، ئۇيغۇرلارنى «سۆزلىتىش» ۋە بىر قىسىم چەتئەللىكلەرنى «ياللىۋېلىش» ئارقىلىق، خەلقئارادا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت «دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن.