4-فېۋرال جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن غۇلجا قەتلىئامى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 25-يىلى خاتىرە كۈنىدە بېيجىڭدا باشلانغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىئىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن-ئەر-ئايال بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى جايلاشقان رايوننىڭ يېنىدىكى دېڭىز بويىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار، خىتايغا قارشى ھەر خىل شوئارلار توۋلىدى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن!»، «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى بايقۇت قىلىنسۇن!»، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن»، «لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار ئەركىن قويۇپ بېرىلسۇن»، دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

تۈركىيە ساقچىلىرى خىتاي كونسۇلخانىسىغا بارىدىغان كوچىنى توسۇپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان بولۇپ، نامايىشچىلار ئارىسىدىن بىر گۇرۇپپا ياشلار ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، تالاش-تارتىش ۋە ئىتتىرىشلار يۈز بەردى ھەم ساقچىلار نامايىشچىلارنى توسۇقتىن ئۆتكۈزمىدى، كېيىن نامايىشچىلار نامايىشنى دېڭىز بويىدىكى چوڭ يول ئۈستىدە داۋام قىلدى.
نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باياناتنى ئېلان قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ب د ت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈركىيە ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە ۋە قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان خەلقنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئېچىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردىن، پۈتكۈل ئىنسانلارغا تىنچلىق، ھەمكارلىق ۋە ئادالەت دېگەندەك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرىمىز».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 25 -يىللىق خاتىرە كۈنىدە يەنى بۈگۈن 4 -فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلغان، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن كۆرمەسلىككە، تەنتەربىيەچىلەرنى ۋە قاتناشقۇچىلارنى، ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ھالدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ قانلىق ھىيلە-نەيرەڭلەرگە ئورتاق بولماسلىققا، قىرغىنچىلىققا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈشكە، مەزلۇم خەلقنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سېلىشقا، ئادالەتنى ياقىلاشقا چاقىرىمىز «.
نامايىش جەريانىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەركىزى بولغان بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز».
ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى يېقىندىن بۇيان غەرب ئەللىرىنىڭ پارلامېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلدى ۋە خىتاينى ئەيىبلەپ ئېمبارگو يۈرگۈزدى، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، قان-قېرىنداشلىرىمىز ۋە دىنداشلىرىمىز بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ ھەتتا خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتۇشنى تاللىدى. ھەر ۋاقىت مەزلۇمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ زالىمنىڭ قارشىسىدا تۇرغان تۈرك قانداشلىرىمىزنى، ئادالەت، سۆيگۈ، ھۆرمەت، شەپقەت ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ئىسلام ئۈممىتىنى، ھەققانىيەت، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىكنى قەدىرلىگەن، قىممەت قاراش دەپ قوبۇل قىلغان پۈتۈن ئىنسانلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمىز».
نامايىش جەريانىدا سۆز قىلغان غۇلجا مەشرىپى ۋەخپىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى قاسىمجان داموللام، غۇلجا قەتلىئامى ۋە قەتلىئامدا شېھىت بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.
قاسىمجان داموللام سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949-يىلىدىن باشلاپ خەلقنى دىنى ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئەخلاقىي بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنى كۆرگەن بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ 1991-يىلى غولجىدا «مەشرەپ» ئىسىم بىلەن تەشكىللىنىپ، خەلقنى دىنى ئېتىقادقا يۈزلەندۈرۈش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى قوغداش، ئەخلاقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاسىمجان داموللام ئۇ ياشلارنىڭ 1997-يىلىغىچە ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ۋە مىللىي ئەركىنلىك بىلەن ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى ھەم «شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن خىتاي زۇلۇمىغا قارشى مەيدانىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بارغانلىقى» نى بىلدۈردى.