2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى4-فېۋرال بېيجىڭدا باشلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، 4-فېۋرال كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رۇسىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ ئاران 21 دۆلەت رەھبىرى قاتناشقان.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى» ۋە خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن مۇسابىقىنى «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلىپ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمىگەن. بۇ دۆلەتلەردىكى بەزى تەنھەرىكەتچىلەرمۇ مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدا ئەۋجىگە چىققان «كوۋىد-19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيە مۇسابىقىنى تولۇق بايقۇت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ چېگرىداش قوشنىسى ھىندىستانمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە ھىندىستاننىڭ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشىغا «كوۋىد-19» يۇقۇمىدن باشقا، خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىدا ئامان قالغان خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈشكە بەلگىلەنگەنلىكى قاتارلىق دىپلوماتىك سۈركىلىشلەر سەۋەب بولغانىكەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ «چاغان بايرىمى» بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كەلگەن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى «غەلىبىلىك باشلاندى» دەپ مەدھىيەلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقە «ئولىمپىك تارىخىدىكى قارشى ئېلىنمىغان مۇسابىقە» دەپ تەرىپلەنمەكتە.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى ئېلان قىلغان «ھېچكىم خالىمايدىغان مۇسابىقە: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىتايدا قانداق باش ئاغرىقىغا ئايلانغان» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەلىبىسى بولۇشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما يەرشارى خاراكتېرلىك «كوۋىد-19» يۇقۇمى ۋە دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا ئۇچراش سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدىكى بۈيۈك پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر ماقالىدە يەنە، 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى» غا ئۇچراپ، ئولىمپىك تارىخىدىكى قارشى ئېلىنمايدىغان مۇسابىقىگە ئايلىنىشنىڭ سەۋەبى، خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋەزىيىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان قارشىلىق ئويلىمىغان يەردىن يەنە بىر مەسىلىنى قوشتى. بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ دەپ ئاتالغان جايدا يۈز بېرىۋاتقان، رەھىمسىز كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇسابىقىدىن مەنپەئەتدار شىركەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنى بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشقا قايىل قىلالمىدى. لېكىن بۇ لوبىيچىلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇنيادىكى ئەڭ باي ۋە ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن ئون نەچچە دۆلەت ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنى ياكى رەھبەرلەرنى مۇسابىقىگە ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلدى».
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسىدىن خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ «ئولىمپىك تارىخىدىكى قارشى ئېلىنمايدىغان مۇسابىقى» گە ئايلىنىشىغا «دىكتاتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىگە يېتىشى، ئۇنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان شەپقەتسىز باستۇرۇشىنىڭ، ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى دۆلەت ۋە شەخسلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى سەۋەب بولغان».
خۇ پېڭ مۇنداق دېدى: «شەك-شۈبھىسىز شۇنداق دېيىشكە بۆلىدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› زۇلۇمى ئەڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان شەپقەتسىزلەرچە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى› ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلاندى. مانا بۇ ئەھۋاللار ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى ۋە بۇ مۇسابىقىنىڭ ‹ئولىمپىك تارىخىدىكى قارشى ئېلىنمايدىغان مۇسابىقىگە› ئايلىنىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى».
خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە خەجلىگەن پۇلى ئەسلى پىلاندىكىدىن نەچچە 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ئەمما ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇسابىقىنى «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى»، يىللاردىن بۇيان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئوخشاش خەلقئارالىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئىمتىيازى ۋە ئابرۇيىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئابرۇي تىكلەش گۈزەل چۈشىنى بەربات قىلغان.
خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، 2015-يىلى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، مۇسابىقىنىڭ خىتايغا بېرىلىشى ئۈزلۈكسىز قارشىلىققا ئۇچراپ كەلگەن. بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا قاماشنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە بولغان قارشىلىق كۈچەيگەن. ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ قارشىلىقلارنى نەزەرگە ئالماي، خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكىنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويغان. لېكىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى» غا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىگە جازا تەدبىرلىرى يولغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغان. شۇڭا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئولىمپىك تارىخىدىكى قارشى ئېلىنمىغان مۇسابىقىگە ئايلانغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئولىمپىك تارىخىدىكى قارشى ئېلىنمايدىغان مۇسابىقىگە ئايلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسەتكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى نەتىجىسىدە، ئولىمپىك تارىخىدىكى قارشى ئېلىنمايدىغان مۇسابىقىگە ئايلىنىشى» غا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋەزىيىتى ئاساسىي سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى دۇنياغا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدىن ئېرىشىدىغان پۇل ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋەزىيىتى ۋە خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمغان دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭمۇ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى تۆككەن مۇسابىقە بولۇپ قالغان.