2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزكۇر ئولىمپىكنى قوللىغان شىركەتلەرنىڭ سىنىقى بولماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 27-ئىيۇل كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى بىلەن تور يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا Airbnb شىركىتى، كوكا كولا شىركىتى، ئىنتىل شىركىتى، Procter & Gamble شىركىتى ۋە Visa شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېف مېركلېي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جېيمىس مەكگوۋرېن، كرىستوفېر سىمىس ۋە جېننىفىر ۋەكىستون قاتارلىقلار بۇ شىركەتلەردىن 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى.

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تور بېتىگە قارىغاندا، 2022-يىلدىكى مۇسابىقىنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلاشقۇچىلىرى كوكاكولا شىركىتى، ئىنتىل شىركىتى، پروكتور ۋە گەمبىل شىركىتى ۋە ۋىزا شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېيمىس مكگوۋېرن(Jim McGovern) ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى) يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېيمىس مكگوۋېرن(Jim McGovern) ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى) يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.

يىغىندا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن خىتاينى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئەمما بۇ شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ قوللىشىنىڭ كېلەر يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن چېكىنىش ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا ئۇدۇل جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

جېف مېركلېي ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ھەمكارلىشىىشى خۇددى گىتلېر رەھبەرلىكىدىكى 1936-يىلدىكى بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆز پۇقرالىرىغا قارشى دەھشەتلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچارلىشىشى مۇمكىن. نۆۋەتتىكى ئەھۋال 1936-يىلىدىكى بېرلىندىنمۇ ناچار، چۈنكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئېلىپ بېرىلماقتا».

يىغىنغا قاتناشقان شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىماسلىق ھەققىدىكى پىكىرلەرگە ناھايىتى سۇس مۇئامىلىدە بولدى. ئۇلار بۇ مەسىلىنىڭ تەنھەرىكەت دۇنياسىنى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى قوللاش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكرارلاش ئارقىلىق، 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەريانىدا ئېلان بېرىپ قوللاشتىن ۋاز كېچىش توغرىسىدىكى سۇئاللاردىن ئىزچىل ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» بۇ يىل فېۋرالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە «2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىغان شىركەتلەرنىڭ سىنىقى» دېگەنىدى.

كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى جىم ماكگوۋېرن شىركەتلەرگە كورۇنا ئەندىشىسى سەۋەبىدىن بۇ ئويۇنغا قارشى تۇرغان ئاممىنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىپ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ياپونىيەنىڭ داڭلىق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى تويوتانى مىسالغا ئالدى. ئۇ شىركەتلەر خالىسا تويوتا شىركىتى قىلغاندەك 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. بېيجىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «سودا دېگەن سودا» دەپ بېيجىڭدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكەش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز توكيودا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىكنى كورۇنا سەۋەبلىك بىر يىل كېچىكتۈرەلىگەن بولساق، ئەلۋەتتە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› سەۋەبلىكمۇ بىر يىل كېچىكتۈرەلەيمىز».

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈش ۋە ياكى خىتايدىن يۆتكەش چاقىرىقىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ھەر خىل يوللار بىلەن توختىتىش ھەر قايسى پارتىيەلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان ئورتاق مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىغان.

ABC ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فلورىدا شتاتىدىن سايلانغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل ۋالتىز تۇنجى قېتىم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم بولسا بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ مۇسابىقىنى «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان شىركەتلەرنىڭ بىلدۈرگەن ئىپادىلىرى ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىمىزدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.