ئامېرىكىنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا تېخى ئېنىق بىر قارارغا كەلمىگەن بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى ئەزاسى قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماددىسى سۇنۇپ، قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماددىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2022-يىللىق پائالىيەت خام چوت قانۇنىغا كىرگۈزگەن.
بۇ ماددىنى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل ۋالتىز بىلەن دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام مالىنوۋىسكي سۇنغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ھۆكۈمەتنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دىپلوماتىك بايقۇت ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2022-يىللىق خام چوت قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن بۇ ماددا 27-ئىيۇل ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتچوت كومىتېتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغان.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل ۋالتىزنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغان خىتايدەك بىر دۆلەتكە ئۆزىنىڭ تەنتەربىيەچىلىرىنى ئەۋەتىشى ۋە ئامېرىكا بايرىقىنى لەپىلدىتىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولىدىكەن.
ئۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا ئەلگە يۆتكەش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنى بايقۇت قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «دۇنياۋى يۇقۇمنى يوشۇرۇپ، ژورنالىست ۋە دوختۇرلارنى قولغا ئالغان، 2 مىليون ئادەم ئۆلگەن، خەلقئارانىڭ كورونا ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىغان بىر دۆلەتكە بىز قانداق قىلىپ تەنتەربىيەچىلىرىمىزنى ئەۋەتەلەيمىز؟ ۋە ئامېرىكا بايرىقىنى لەپىلدىتەلەيمىز؟. بىز سۆزلەۋاتقان ھازىرنىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت زور دەلىللىرىمىز بار» دېگەن.
مايكېل ۋالتىز ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا يېقىندا قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتاينىڭ بۇنىڭ بىلەن قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى يەنە «جازا لاگېرلىرىغا يوللىغان، قۇل ئەمگىكىگە سالغان، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇغماس قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، ب ب س ئۇنىڭ ئۇلارغا كەڭ كۆلەمدە باسقۇنچىلىق، قىيىن-قىستاق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئەگەر مايكېل ۋالتىز بىلەن تام مالونىۋىسكىينىڭ قانۇن تۈزىتىش ماددىسى ماقۇللانسا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ياكى ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى پۇل بىلەن تەمنلىشى چەكلىنىدۇ.
گەرچە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆزىنىڭ قارارىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.
مەزكۇر خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتى 27-ئىيۇل رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا ئۇزۇن بىر يازما بايانات ئەۋەتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا ئەلگە يۆتكەشنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قىشلىق ئولىمپىكنى باشقا ئەلگە يۆتكەش پىكىرىنىڭ «رېئال مۇمكىنچىلىكى يوق» ئىكەن.
باياناتتا: «ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاز قالغاندا مۇسابىقىنى باشقا بىر شەھەرگە يۆتكەشنىڭ-ساھىبخان دۆلەت كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر-رېئال مۇمكىنچىلىكى يوق. بۇ جەھەتتىكى توختاملار مۇسابىقە ئورنى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا يەنى تەخمىنەن 7 يىل ئاۋۋال ئىمزالىنىپ بولغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنى ۋە ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار» دېيىلگەن.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باياناتىدا يەنە ئۆزىنىڭ ئولىمپىك نىزامنامىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئاقلاپ، ئولىمپىكنىڭ «سىياسىي بىتەرەپلىكى» نى تەكىتلىگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كۆپ خىل قاتنىشىشنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى نەزەردە تۇتقاندا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يەرشارىدىكى بارلىق سىياسىي مەسىلىلەردە بىتەرەپ تۇرۇشى كېرەك. ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەملىكەتلىك ئولىمپىك كومىتېتىغا ساھىبخانىلىق قىلىشقا بېرىلىشى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى شۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە قارىتا پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ».
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى نوقۇل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭلا پىكىرى ئەمەس. بۇ مەسىلىدە خەلقئارادىكى نۇپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بايقۇت قىلىشنى قوللايدىغان ئەنە شۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچيۇنىڭ ئېيتىشىچە، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىش خىتاي ھۆكۈمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىكەن.
ۋاڭ ياچيۇ 27-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: : «بىز دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قوللايمىز. 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دىپلومات ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قانۇنلۇق قىلىپ بېرىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق».
ۋاڭ ياچيۇنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا شىركەتلەر، خەلقئارا داڭلىق شەخسلەر داۋاملىق خىتاي بىلەن ھەمكارلاشسا ئۆزلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىكەن. ئۇ: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ھۆددىگەرلىك قىلغان شىركەتلەر، خەلقئارا ئەزىز مېھمانلار ۋە داڭلىق شەخسلەر شۇنى بىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەت بىلەن داۋاملىق ھەمكارلاشسا، بۇ ئۇلارنىڭ داڭلىق ماركىلىرىغا ۋە شەخسى ئىناۋىتىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ» دېدى.
مايكېل ۋالتىزنىڭ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماددىسىدا، «ھەرقانداق بىر ئاتچوت قانۇنىدا ئاجرىتىلغان ياكى باشقا ھەرقانداق شەكىلدە ئاجرىتىلغان پۇلنى ھەرقانداق بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى ياكى ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن ئاىرىشقا بولمايدۇ» دېيىلگەن.
مايكېل ۋالتىزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن ماددىسى «ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشىگە قاتتىق تەسىر قىلىدىكەن.»
لېكىن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدا قانداق قارارغا كەلگەنلىكى ھازىرغا قەدەر ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكانىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش-قىلماسلىقنى تېخى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نىد پرايىس، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى، شېرىكلىرى بىلەن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە «ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇش» نى يېقىندىن مەسلىھەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.