ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى خىتاينى ئەيىبلەشنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.07.28
ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى خىتاينى ئەيىبلەشنى رەت قىلدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كوتىن(Tom Cotton) ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 20-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
REUTERS

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 27-ئىيۇل كۈنى «2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلاش يىغىنى» نى ئاچقانىدى. يىغىندا شىركەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىماسلىق ھەققىدىكى سوئاللارغا تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيەسى سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

كوكاكولا، ۋىزا قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كوتىن بۇ ئەھۋالنى «ئېچىنىشلىق» دەپ تەرىپلىدى.

گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان Airbnb شىركىتى، كوكا كولا شىركىتى، ئىنتىل شىركىتى، Procter & Gamble شىركىتى ۋە Visa شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ «2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» ھەققىدىكى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۇلاردىن ناھايىتى كەسكىن سوئاللارنى سورىدى.

توم كوتىن كوكاكولا شىركىتىنىڭ ۋەكىلىدىن ئۇلارنىڭ «كېلەر يىللىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› بىلەن بۇلغانغان ئولىمپىكنى قوللىمايمىز» دېمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، كوكاكولا شىركىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پائۇل لالى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بايا ئېيتقىنىمدەك، بىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان شەھەرلەرنى تاللاش، ئولىمپىكنى كېچىكتۈرۈش ۋە ياكى باشقا جايغا يۆتكەش ھەققىدە سۆز ھەققىمىز يوق».

توم كوتىن بۇنداق ئەھۋالدا كوكاكولا شىركىتىنىڭ ئۇلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن بۇلغانغان ئولىمپىكنى قوللاۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

توم كوتىن يەنە Airbnb، Visa، Procter & Gamble ۋە ئىنتىل ۋەكىللىرىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن قارارىغا قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىدى. ۋەكىللەر ئاساسەن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇلارنىڭ ئىشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ سوئالغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمىدى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس شىركەت ۋەكىللىرىدىن سوئالغا ئەگىتمەي ئۇدۇل جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە مۇنداق سوئال سورىدى: «بىز ھەممىڭلارنىڭ ئولىمپىك ماھىرلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمىز. لېكىن بىز ھازىر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ساھىبخانىنىڭ 1936-يىلىدىكى گىتلېر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىۋاتىمىز. شى جىنپىڭ ناھايىتى ئېنىق قىلىپ بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قانچىلىك ‹قالتىس› ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى بولسا دىكتاتور ۋە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىمىيەت. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئولىمپىكنى يۆتكەش كېرەكمۇ-ئەمەسمۇ؟ ئۇدۇللا جاۋاب بېرىڭلار».

Visa شىركىتىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك قوللاش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن رەئىسى ئاندىرىيا فەيىرچايىلد مۇنداق جاۋاب بەردى: «مېنىڭ بۇ سوئالغا جاۋابىم، ئەگەر ھۆكۈمەتلەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلسا، Visa شىركىتىمىزمۇ ئۇلارنى قوللايدۇ.»

كرىستوفىر سىمىس ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ «ياق» يەنى، ئولىمپىكنى خىتايدىن يۆتكەش پىكىرىنى قوللىمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

كرىستوفىر سىمىس ئوخشاش سوئالنى باشقا شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىنمۇ سورىدى، لېكىن ئۇلارمۇ Visa شىركىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش جاۋابلارنى بېرىشتى.

دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جېيمىس مەكگوۋرېن شىركەت ۋەكىللىرىدىن «2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» گە شىركەتنىڭ باش لىدىرلىرىنڭ قاتنىشىدىغان قاتناشمايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك، مۇسابىقىگە كىمنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدە شىركەتتە تېخى قارار ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىن ناھايىتى كەسكىن داۋاملاشتى. دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن توم مالىنوۋىسكى، مشېىل پارك ستىل، جىننىفىر ۋەكىستون قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىركەت ۋەكىللىرىدىن ناھايىتى قاتتىق سوئاللارنى سورىدى. ئۇلار شىركەت ۋەكىللىرىنىڭ «2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» نى قوللاش ئارقىلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق بارلىق «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەندە ئۇلار يەنىلا خىتاينى ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېف مېركلېي يېقىندا «تېلېگراف» تورى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە Airbnb دىن بەھرىلىنىشتىن مەھرۇم قالدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە دېيىلگەن نۇقتىلارغا Airbnb شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ئولىمپىك ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى داۋىد خولىئوكنڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدى، داۋىد خولىئوك مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز ئىزچىل سىستېمىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ‹كەمسىتىش›نى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ تۇرىمىز. بىزنىڭ شىركەتنىڭ سىستېمىسىدىكى ‹كەمسىتىش› ئېلىپ بارغان مېھمان كۈتىدىغانلارنى سىستېمىدىن چىقىرىپ تاشلايمىز. بۈگۈنگە قەدەر قائىدىمىزگە بويسۇنمىغان بىر يېرىم مىليون كىشىنى سىستېمىدىن چىقاردۇق. بۇ سان خىتايدىكى مېھمان كۈتىدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

جېننىفىر ۋەكىستون شىركەت ۋەكىللىرىدىن، بولۇپمۇ شىنجاڭدا شىركىتى بار بولغان كوكاكولا شىركىتىدىن مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا كوكاكولا شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى.

بۇ يىل ئىيۇندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو كوكاكولا قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ‍ئىشلەتكەنلىكىنى تەنقىدلەپ، بۇ شىركەتلەرنى «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىگە ئ‍امېرىكالىقلارنى شېرىك قىلىپ قويدى»، دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، كوكاكولا شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» غا قارشى پائالىيەت قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى خادىملار، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار زاتلار ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەر بۇ ئىككى شىركەتنىڭ دەللاللارنى ياللاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشىغا قارشى پائالىيەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاخىرىدا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللىرى شىركەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق بارلىق «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاشۇ ھاكىمىيەتنى قوللاۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى ئاڭلاپ يۇقىرىقى داڭلىق شىركەتلەردىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، ئەسلىدە ئىنسانلىقنىڭ ئادالەتنى ياقىلىشى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ گۈللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر يىغىندا ھېچقايسى شىركەت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىمىدى، ئەكسىچە باھانە كۆرسەتتى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ئېلان ئارقىلىق تاپقان دوللاردىن قىممەتلىك ئىدى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.