ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت بېريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىندا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرەلمىگەن ئىدى. 16-دېكابىر بۇ مەسىلە قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرىلىدىغان بولغان. ئەمما بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق قارار چىقىرىشىغا كۆزى يەتمەي، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش يولىنى تاللىغان. بېلگىيە ۋە ئاۋستىرىيە بۇنىڭ مىسالى بولۇپ قالغان.
«فرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 14-دېكابىر ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلمىدى، بېلگىيە ۋە ئاۋستىرىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغان بولدى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 14-دېكابىر كۈنى بېلگىيە بىلەن ئاۋىستىرىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىرى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا دۆلەت رەھبەرلىرىنى قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق بۇنى «دېپلوماتىك بايقۇت» دەپ ئاتىمىغان ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا ئېلان قىلغان «دېپلوماتىك بايقۇت» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ياكى «دېپلوماتىك بايقۇت» سېپىگە قوشۇلۇش ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. بېلگىيە «تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سانى ئاز بولغاچقا، ئەزەلدىن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەۋەتمەيدىغان دۆلەت» بولغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن بولسا، ئاۋستېرىيە «كورۇنا ۋاباسى» مەسىلىسىنى باھانە قىلغان.

ئۇسۇلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نۆۋەتتە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، لىتۋا، بېلگىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا دۆلەت رەھبەرلىرىنى قاتناشتۇرمايدىغانلىقى ئېنىق بولغان. گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوك ئالدىنقى كۈنى فرانسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، «دېپلوماتىك بايقۇت» ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق فرانسىيە پىرىزدېنتى ماكرون «دېپلوماتىك بايقۇتنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى، يا ئومۇمىييۈزلۈك بايقۇت قىلىش ياكى قىلماسلىق» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرۈشكە قارشى تۇرمىغان. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۈزۈل-كېسىل بايقۇت قىلىشنى، ھېچبولمىسا دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ ئاددىي ئىنكاس» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە. بۇ خۇسۇستىكى تالاش-تارتىشلار گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالماقتا.
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» سەۋەبلىك غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنغان تەقدىردە، بۇنىڭ خۇددى 1980-يىلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بايقۇت قىلىنىپ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغانغا ئوخشاش، ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچمەيدىغان بىر ھادىسە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ قارا داغنىڭ خىتاينىڭ پىشانىسىدىن مەڭگۈ كەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى بىناسى ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. 15-دېكابىر ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى تەلەب قىلىش بولغان. نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بىزنى بۇ ھەقتە بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ سايلامدىن ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىنى ئەسلىتىشمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشتىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بىرى بولغان.
بېرلىندا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا بىر بۆلۈك تىبەتلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارمۇ قاتنىشىپ، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەشكەن.