بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدىكى ئېتىرازلار

0:00 / 0:00

11-يانۋار گېرمانىيەنىڭ «ZDF» تېلېۋىزىيە قانىلى «تەشۋىقات بىلەن كورونا ئارىسىدا» ناملىق بىر پروگرامما تارقاتتى. 47 مىنۇتلۇق بۇ پروگراممىدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا بەند قىلىنغان ۋە ئېغىر ئازابلارغا دۇچار بولۇۋاتقان، تىبەتلەرمۇ تۈرلۈك دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، 2022 يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقى، ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى خىتايدىكى ۋەزىيەت يورۇتۇپ بېرىلگەنىدى.

پروگراممىنى «ZDF» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بېيجىڭغا يېتىپ بارغان بىرقانچە مۇخبىرى بۇ قانالنىڭ مەركەزدىكى خادىملىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىمدا تۆۋەندىكى بىرقانچە ئاساسىي مەزمۇن نۇقتىلىق بايان قىلىنغان:

بىرى، 2022 يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 1936 يىلىدىكى ناتسىستلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقى، ئەينى يىللىرى گىتلېر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆزىنىڭ شۆھرىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغاندەك، شى جىنپىڭنىڭمۇ بۈگۈن ئۇنى ئۆزىنى نامايان قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئىككىنچىسى، فىلىمدا «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخنىڭ يۈزى قېلىن، ئۇياتسىز بىر ئادەم ئىكەنلىكى»، ئۇنىڭ ئىلگىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، 2013 يىلى ئۇنىڭ ئولىمپىكنىڭ ئالتۇن مېدالىنى شى جىنپىڭغا تەقدىم قىلغان بىر تارىخى بارلىقى، شى جىنپىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشكەنلىكى، خەلقئارادىكى كۈچلۈك قارشىلىقلارغا بىپەرۋا ھالدا، ئۇنىڭ ئىزچىل بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئاقلاپ، مەدھىيەلەپ كەلگەنلىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار بايان قىلىنغان. مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، كۆزلىرى تېڭىلغان، قوللىرى ئارقىدىن باغلانغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى، نامايىشچى تىبەتلەرنىڭ تاياق توقماقلار بىلەن ئۇرۇلۇۋاتقانلىقى تارىخىي كۆرۈنۈشلەر ۋە سۈرەتلەر بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.

تۆتىنچىسى، بېجىڭدىكى ھەربىي ھالەت تۈسىنى ئالغان قاتتىق قامال ئىچىدىكى ۋەزىيەت كۆرسىتىلگەن. بۇ قىسىمدا گېرمان مۇخبىرلىرىنىڭ بېيجىڭدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئەخلاقسىزلارچە قوپال مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئارقىدىن پايلاقچى ماشىنىلارنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ مۇخبىرلارنى قەدەمدە بىر تەكشۈرۈپ ئاۋارە قىلغانلىقى، گېرمانىيەدىن بارغان تەنھەرىكەتچىلەر چۈشكەن بېيجىڭدىكى ياتاقلاردا كارىۋاتلار ۋە يەرلەردە تاراكان قۇرۇتلارنىڭ چېپىپ يۈرگەنلىكى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ياتاق بىلەن تەنھەرىكەت مەيدانىدىن باشقا يەرگە بارالمايدىغانلىقى، ھەتتا خىتاي ساقچىلارنىڭ بەزى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تەنھەرىكەت مەيدانلىرىنى ئالدىن زىيارەت قىلىشقا رۇخسەتمۇ قىلمىغانلىقى قاتارلىق خىتاي ساقچىلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرى، ئۆكتەملىكلىرى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق بايان قىلىنغان.

مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، فىلىمدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيەنى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بولغان قاراشتا زور ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان.

ئومۇمەن، مەزكۇر فىلىمدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئانچە كۆڭۈللۈك بىر مۇسابىقە ھالىتىدە، ھىچبولمىسا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدەك خاتىرجەملىك، ئارامبەخشلىك ئىچىدە ئۆتمەيدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلگەن. فىلىمدا زىيارەت ئوبيېكتى بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكرار تەكرار تىلغا ئالغان.