ئەنگلىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېد داۋېي ۋە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كىرىس بىرايت قاتارلىق پېشقەدەم سىياسىي ئەربابلار ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇملارغا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە ۋە كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇلار يەنە بۇ زۇلۇملارنى توختىتىش ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىشى شەرتلىكى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ھامىي» گېزىتىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، داۋىي مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ غەربىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت دەلىللەر ناھايىتى ئېنىق، ئەمدى ئەنگلىيە ۋە پۈتۈن دۇنيا بېيجىڭغا قارشى تۇرۇشى، بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشى كېرەك.»
خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان 1. 8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بىگۇناھ ئىنساننىڭ ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلىقى ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىگە مەجبۇرلانغانلىقى شاھىتلارنىڭ بايانلىرى بىلەن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنياۋى ئىنكاس قوزغىغان.
ب د ت «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» دە يۇقىرىقىغا ئۆزئوخشاش قىلمىشلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بىرايانت: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دىكى بەش تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان شىنجاڭ ئۆلكىسىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ،» دېگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى تاقاشنى بۇيرۇمىسا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئېتنىك تازىلاشنى ئاخىرلاشتۇرمىسا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش، قىيناش ۋە ئۇيغۇرلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشنى توختاتمىسا، ئۇنداقتا بۈيۈك بېرىتانىيە كوماندىسى، مېيىپلار ئولىمپىك گكوماندىسى ۋە ۋەزىرلەر بۇ مۇسابىقىگە بايقۇت ئېلان قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ ئەڭ زېرەك ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىنى يەر يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك.»
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئەنگلىيەنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.