كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق شەرتىنى قانداق ئادا قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك»
2020.12.22
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمىگە ئائىت تەپسىلاتلارنىڭ كەڭ ئاشكارىلىنىشى نەتىجىسىدە يەنىمۇ كۆپ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەرىكەتكە كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا چېتىلىپ قېلىۋاتقان ھەرقايسى داڭلىق شىركەتلەرگە ۋە ئورگانلارغا بۇ زۇلۇمنى كۆرمەسكە سالماسلىق ھەققىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە. بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم بېيجىڭدا قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار ئولىمپىك كومىتېتىنى بىر يىللىق مۇددەت ئىچىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتنىڭ قانداق ئادا قىلىنىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن يەنى 22-دېكابىر كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى توماس باخقا ئوچۇق خەت يېزىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىن خوڭكوڭغىچە بولغان باستۇرۇشلىرى ئۇنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە سوئال پەيدا قىلىدۇ» دېدى.
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2022-يىلى 4-فېۋرال باشلىنىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىغا يازغان خېتىدە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان.
ئۇلار مۇنداق دېگەن: «2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ پائالىيەتچىلەرگە، ئادۋوكاتلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى بىر مىليون تۈركىي مۇسۇلماننى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە باشقىچە پىكىر مەۋجۇت بولمايدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئورۋېللچە نازارەت سىستېمىسىنى ئورناتقانلىقىنى كۆردۇق. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكنى زور دەرىجىدە چەكلەپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرى ۋە ئورگانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالار ھەرىكەتلىرىنى جىمىقتۇردى، پائالىيەتچىلەرنى مەجبۇرىي غايىب قىلدى، تۈرمىگە تاشلىدى ياكى سۈرگۈن قىلدى. . . بىزگە ئايان بولغىنىدەك، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇلارنى ئېتىراپ قىلمىدى، يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ 2022-يىلدىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاشمىدى».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چاقىرىقىدا ئولىمپىك كومىتېتىنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق خىرىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى قانداق ئىجرا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنى 2021-يىلى 2 – ئايغىچە يەنى بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بىر يىل بۇرۇن قىلىپ بولۇشنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارالىق ھەرىكەتلەر دىرېكتورى مىنكى ۋورېن باياناتتىكى سۆزىدە تەكىتلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمنى كۈچەيتىشى ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي شەرتكە خىلاپ. 2-ئايدىكى بىر يىللىق مۇددەتنىڭ باشلىنىشى بىلەن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسىي شەرتنىڭ قانداق قاندۇرۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك» دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان ئورگانلارنىڭ بىرى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ھازىرغىچە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەيلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەيلى باشقا ئورگانلار تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان چاقىرىقلارغا قۇلاق يوپۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىدا ئېيتىلىشىچە، دېكابىرنىڭ بېشىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغانىكەن. «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق ئىستراتېگىيەسى تەۋسىيەسى» دەپ ئاتالغان بۇ دوكلات ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە كىشىلىك ھوقۇقنى قانداق تەتبىقلاشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مۇھىم يول خەرىتىسى ئىكەن. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى يۇقىرىدىكى تەۋسىيە بويىچە ئىش كۆرۈشكە دەۋەت قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يۇقىرىدىكى ‹تەۋسىيە› نى چۆرىدىگەن ھالدا قىلىشى كېرەك. ئۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بىر يىل بۇرۇن يەنى 2021-يىلى 2-ئايغىچە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسلىرىنى قانداق ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشى كېرەك ۋە ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ‹سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپى› ۋە شۇنداقلا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك».
ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى مۇستەھكەملىدى. ئۇلار دىن، پۇقرالار ھەرىكىتى، ئىنتېرنېت، ئاخبارات ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا چەكلىمە قويدى. نۇرغۇنلىغان پائالىيەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلارنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى. شىنجاڭدىكى تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى ھەمدە خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىككە ئېغىر زەربە بەردى. خىتاي دائىرىلىرى 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى باھانە قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتتى، چىراي تونۇش قاتارلىق نازارەت تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ سېلىپ ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئاقىۋەتتە بۇ كەلگۈسى ئون يىلدا شىنجاڭ ۋە باشقا رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تېخىمۇ چوڭ باستۇرۇشقا شارائىت ھازىرلىدى».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى يەھۇدىيلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ناتسېست ھۆكۈمىتىگە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىپ قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون بولسا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخقا يېزىلغان ئوچۇق خەتتە «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلدى. گەرچە ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە قاتتىق قارارلارنى ئېلىش ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم. بولمىسا بۇ پەقەت بېيجىڭ كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا قىلىنغان بىر ھاقارەت بولۇپ قالىدۇ، خالاس» دېگەن.