ئاخبارات ۋاستىلىرى يەنە 43 كۈندىن كېيىن بېيجىڭدا باشلىنىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئومۇمىييۈزلۈك ياكى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ھەم غەرب قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن غەرب دۆلەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىناق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇ سىناقتىن زادىن قانچىلىك دۆلەتنىڭ ئۆتەلەيدىغانلىقى نامەلۇم. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، لىتۋا، بېلگىيە، ئاۋىسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلغان ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇ مۇسابىقىغا دۆلەت رەھبەرلىرىنى قاتناشتۇرمايدىغانلىقى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان ياكى تەۋرىنىش ئىچىدە قالغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا 21-دېكابىر كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئومۇمىييۈزلۈك بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بارلىق دۆلەتلەردىكى ئولىمپىك كومىتېتلىرىنىڭ ئالدىدا ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ كۈچكلۈك بېسىم شەكىللەندۈرۈشنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى 2 يىلدىن ئاشتى. بۇ تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ سانىمۇ 180 دىن ھالقىدى. ئەمما خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قارارىنى ئۆزگەرتمىدى. ئامېرىكانىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1980-يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 40 تىن ھالقىغان. بىراق ھازىر 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلغان ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇ مۇسابىقىغا دۆلەت رەھبەرلىرىنى قاتناشتۇرمايدىغانلىقى بىلدۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ سانى تېخى 10 غا يەتمىدى. بېيجىڭ خەلقئارادا قانداقلا بېسىمغا دۇچ كەلمىسۇن، بۇ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇ ھالدا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىسا، ئۇنىڭ ئاقىۋتتى زادى قانداق بولىدۇ؟ بايقۇت چاقىرىقىدىن زادى قانداق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
بۇ سوئاللىرىمىزغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قىسقىچە جاۋاب بەردى.
يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.