خەلقئارادىكى 243 تەشكىلات ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.01.28
sofiy-richardson-Sophie-Richardson كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى سوفىي(Sophie Richardson) رىچاردسون خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 14-يانۋار، نيۇ-يورك.
AFP

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 27-يانۋار كۈنى «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋەھشىيلىك جىنايىتى ئىچىدە باشلاندى» ماۋزۇلۇق باياناتىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار بۇ باياناتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 243 خەلقئارالىق ئورگان بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، ئولىمپىكنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرىنى ۋە تەنتەربىيەچىلەرنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى نورماللاشتۇرماسلىققا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلىشىغا ياردەم بەرمەسلىككە چاقىرغان.

بۇ تەشكىلاتلار خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى تەشكىلاتلار، يەھۇدىي جەمئىيەتلىرى، مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئورتاق باياناتىدا «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىق بىر جىنايەتچى ھاكىمىيەتنى نورماللاشتۇرغانلىق بولىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

مەزكۇر باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن 27-يانۋار كۈنى كەچقۇرۇن چاقىرىلغان تور يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى مېيفىڭ خانىم مۇنداق دېگەن:

«ئادەتتە پەرقلىق رايونلار، پەرقلىق مەسىلىلەر ۋە پەرقلىق تىللاردا خىزمەت قىلىدىغان بۇنچە كۆپ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولمىسىمۇ، ئەمما بىز خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىدەك بىر نوقتىدا بىرلەشتۇق. كىشىلىك ھوقۇق نوقتىسىدىن ئالغاندا، بۇ مۇسابىقە يېقىن تارىختىكى ئەڭ زىددىيەتلىك بىر مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.»

مېيفىڭ خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىق قىلىدىغان بۇ ئولىمپىكنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۆزى ساھىبخانلىق قىلغان 2008-يىللىق يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندىمۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيتىنىڭ غايەت زور دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى خىتايغا بېرىلگەن 2015-يىلىدىن بېرى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدا يۈز بەرگەن ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارىلانغان ئۆزگىرىشلەرنى تىزىپ چىققان. باياناتتا تۆۋەندىكىلەر يېزىلغان:

«ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا، قىيناشقا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا ئۇچرىدى. خوڭكوڭدىكى مۇستەقىل ئاخبارات، دېموكراتىك ئورگانلار ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋەيران قىلىندى. يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ئەپلەر ئارقىلىق مۇتلەق نازارەت ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كىشىلىك ھوقۇق ئادوۋكاتلىرى تۇتقۇن قىلىندى ۋە مەجبۇرىي غايىپ قىلىندى.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئورتاق چاقىرىق ھەققىدىكى تور يىغىنىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى تېڭ بياۋ ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ: «2022-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخقا بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى بولۇپ يېزىلىدۇ،» دېدى.

ئۇ سۆزىدە 2008-يىلى بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى كونترولنى قاتتىق چىڭىتىپ، بېيجىڭنى قامال قىلىپ، ئەرزدارلارنى، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ۋە سۈرگۈن قىلىپ جىمىقتۇرغان بولسا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن تېخىمۇ جاسارەتلىنىپ خەلقنىڭ تېنچلىقپەرۋەر ھەرىكەتلىرىگە، پىكىرلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى باشلىغانلىقى، تونۇلغان ئۆكتىچى ليۇ شاۋبونىڭمۇ مۇسابىقىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى. . . قىسقىسى، ئولىمپىك مۇسابقىسىنىڭ خىتاينى يەنىمۇ زور دەپسەندىچىلىك قىلىشقا جاسارەتلەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، بۇ دېكتاتور رېجىم يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن مۇكاپاتلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ جىنايەت ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى. قىشلىق ئولىمپىكى ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا، خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكى يوقىتىلىۋاتقاندا، تىبەتتە زالىم سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلۈۋاتقاندا، ۋىجدان مەھبۇسلىرى زۇلۇم تارتىۋاتقاندا ئۆتكۈزۈلمەكچى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى بۇ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئاقلاشتۇر، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ئىككى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۇرغان ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىقلار ئۇلارغا شېرىك بولغان. بۈگۈن 27-يانۋار كۈنى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى بولغىنىدەك، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدۇ،» دېدى.

ئارقىدىن يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن سۆز قىلدى. زۇمرەتئاي ئەركىن سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ رايوندا مىليونلاپ ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بۇنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان كۆرۈلگەن پۈتكۈل بىر مىللەتكە قارىتىلغان تۇنجى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. زۇمرەتئاي ئەركىن سۆزىدە لاگېرلاردىكىلەر ئۇچراۋاتقان تەن جازاسى، جىنسىي خورلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلانغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئەنگىلىيەدىكى مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېنىق جاكارلىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقاندا ئولىمپىك كومىتېتى، قوللىغۇچى شىركەتلەر، تەنھەرىكەتچىلەر، ئاخباراتچىلار ھەتتا ب د ت چېغىدا بۇنىڭغا قانداق سۈكۈت قىلىپ تۇرالايدۇ؟» دەپ سوئال قويدى. زۇمرەتئاي سۆزىدە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلمىغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىقىغا ۋە تېنچىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ب د ت نىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرۈشتە مۇرەسسەلىشىشىنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى ئالمايدىغان ھەرىكەتلىكىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت نى قاتتىق تەنقىدلىدى.

مەزكۇر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا نارازىلىق قوزغىغان يەنە بىر نوقتا بولسا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇلۇشىغا قارىماي، ئولىمپىك تەنتەربىيە فورملىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاساس قىلغان شىركەتكە زاكاس قىلىشى بولغان ئىدى. يىغىندىكى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن جەۋھەر ئىلھام سۆزىدە مانا مۇشۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە ھازىر ئۆزىگە ئوخشاش پائالىيەتچىلەرنىڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ پاختا، كىيىم-كېچەك، ئويۇنچۇق، قۇياش ئېنىرگىيە ۋە ھەتتا كەيمە چاچ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگىچە تارقالغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن قول ئۈزۈشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئالماسلىق، بۇنداق بىر جىنايەتكە شېرىك بولماسلىقتەك مەسئۇلىيىتى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەم ئۆز ئىستېمالچىلىرى ئالدىدىمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىلىپ-بىلمەي مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى دېدى. جەۋھەر ئىلھام يېقىندا ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى كۆرەشتە پايدىلىق ۋەزىيەت ياراتقانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ خۇددى ئامېرىكاغا ئوخشاش قانۇنلارنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىندا يەنە تىبەتلىك ۋە خوڭكوقلۇق ۋەكىللەرمۇ سۆز قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق 243 تەشكىلات ئورتاق ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا بۇ مۇسابىقىنىڭ شىركەت قوللىغۇچىلىرى — Airbnb، ئەلى بابا، ئاللىيانز، ئاتوس، برىگېستون، كوكاكولا، ئىنتېل، ئومېگا، پاناسونىك، P&G، سامسۇڭ، تويوتا ۋە ۋىزا قاتارلىق خەلقئارالىق شېركەتلەرنى ئاممىغا چۈشەنچە بېرىشكە، بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى مەيلى دىپلوماتىك بايقۇتقا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنى كونكرېت قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشقا، ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنى خىتاينىڭ تەقىبىدىن قوغداشقا دەۋەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.