بىريۇسسېلدا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 28-يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ھازىر داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان نامايىش 8-فېۋرال، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلنىڭ شەھەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان.

غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئەكبەر تۇرسۇن شوئار توۋلاۋاتىدۇ. 2025-يىلى 8-فېۋرال، بىريۇسسېل.
غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئەكبەر تۇرسۇن شوئار توۋلاۋاتىدۇ. 2025-يىلى 8-فېۋرال، بىريۇسسېل. (RFA/Hebibulla Izchi)

نامايىش جەريانىدا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەنە خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ 5-فېۋرال كۈنىدىكى باستۇرۇشى، تۇتقۇن قىلىشىنى ئىپادىلەيدىغان تۈرلۈك سۈرەتلەرنى ۋە پىلاكاتلارنى تىزغان بولۇپ، نامايىش مەيدانىغا تىزىلغان بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەن ساياھەتچىلەر ۋە بېلگىيەلىكلەر نامايىشچىلاردىن سوئاللارنى سوراشقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەكبەر تۇرسۇن بۇ نامايىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى.

غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، بىريۇسسېل.
غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، بىريۇسسېل. (RFA/Hebibulla Izchi)

نامايىشچىلار يەنە تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تارقىتىشقان. بۇ قېتىمقى نامايىشقا بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن غەيرەت ئەپەندىمۇ بۇ نامايىش ھەققىدە قىسقىچە ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئورتاقلاشتى.

غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، بىريۇسسېل.
غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، بىريۇسسېل. (RFA/Hebibulla Izchi)

نامايىشچىلار: «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ياشىسۇن مۇستەقىللىق»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال»، «شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرىيەت» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان. بەزى ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىكلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ پاجىئەلىك بىر نامايەندىسى بولغان غۇلجا قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەرلەردىن كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى بىر-بىرىگە چۈشەندۈرۈپ نامايىشچىلارنىڭ يېنىدا نامايىش تۈگىگىچە بىرگە تۇرۇپ مەدەت بېرىشكەن.

غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا بىر قولىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى بىر قولىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات تاختىسىنى تۇتقان بىر نامايىشچى. 2025-يىلى 8-فېۋرال، بىريۇسسېل.
غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا بىر قولىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى بىر قولىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات تاختىسىنى تۇتقان بىر نامايىشچى. 2025-يىلى 8-فېۋرال، بىريۇسسېل. (RFA/Hebibulla Izchi)