بېلگىيەنىڭ لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

بېلگىيە لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 19-مارت كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە بېلگىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسىدىن ساموئېل كوگۇلاتى ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە بىر مەيدان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇ ھەقتە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەكبەر ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېلگىيە لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، لېكسىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان.

بېلگىيەنىڭ لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 19-مارت، بېلگىيە.
بېلگىيەنىڭ لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 19-مارت، بېلگىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى، ئىستراتېگىيە تەتقىقات بۆلۈمى، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈملىرىدە مەخسۇس تەربىيەلىنىۋاتقانلار بولۇپ، ئەكبەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغان، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قۇل ئىشچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە نۇقتىلىق سوئاللارنى تەييارلاپ كېلىشكەن.

بېلگىيەنىڭ لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ساموئېل كوگۇلاتى ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 19-مارت، بېلگىيە.
بېلگىيەنىڭ لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ساموئېل كوگۇلاتى ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 19-مارت، بېلگىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)


بۇ قېتىمقى لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەتتە لېكسىيە سۆزلىگەن بېلگىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ساموئېل كوگۇلاتى ئەپەندى بولسا، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تەھدىت ۋە ئۆزىنى جازالاش تىزىملىكىگە ئېلىشىدىن قىلچە پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بېلگىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدا كۆپ چىقارغان كىشى ئىدى. ئۇ بېلگىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش جەريانى ۋە بۇ جەرياندا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن خىتاينىڭ تەھدىتى قاتارلىق جەريانلارنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، ھەر بىر شەخسنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەكىتلىگەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدا ھەر خىل سەۋەبلەر بارلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ سەۋەبلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
بىز، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ساموئېل كوگۇلاتى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ بېلگىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام تەييارلىقى سەۋەبىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدى.
لېكىن، ئەكبەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كوگۇلاتى ئەپەندى بۇ قېتىم ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.

ئەكبەر ئەپەندى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دىيالوگلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك تاۋارلىرىنىڭ ئىشلىنىپ چىقىش جەريانى، جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچىدىكى ھايات ھەققىدىكى سوئاللىرىغا چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرىدىكى پاكىت-ئىسپاتلار بىلەن جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدىكى سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، ھەر خىل دورىلارنى يېگۈزۈپ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەجرىبە بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى مەسىلىسىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

بۇ قېتىمقى لېكسىيەدە چۈشكەن ئەڭ مۇھىم سوئاللاردىن بىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن دېگەن يەكۈن مەسىلىسى بولغان. ئەكبەر ئەپەندى
شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېسىۋېلىنىش جەريانى ۋە ئىشغالدىن كېيىنكى مۇستەملىكە باسقۇچى ھەققىدە توختالغان ھەمدە بۇ جەرياننى ئەينى ۋاقىتتىكى بېلگىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش جەريانى بىلەن سېلىشتۇرغان.

لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ لېكسىيەگە 70 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەت باشتىن ئاخىرى ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بەزى ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دىسسېرتاتسىيە يېزىۋاتقان، ياكى بېلگىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە سىياسىي پارتىيەلەردە خىزمەت قىلىش ئالدىدىكى ياشلار ئىكەن. بۇ ياشلار ساموئېل كوگۇلاتى ۋە ئەكبەر ئەپەندىلەرگە جەمئىيەتكە چىققاندىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن مەن نېمە قىلالايمەن؟ دېگەن تېمىدا سوئاللارنى سورىشىپ، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.