بېلگىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە رەسمىي قارار ئېلان قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021-07-08
Share

بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش، بېلگىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تونۇش توغرىسىدا رەسمىي بىلەت تاشلايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن بىريۇسسېلدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەن.

نامايىشنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن باشقا بېلگىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى سامۇئېل كوگولاتى ئەپەندىم، بېلگىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بۇ پارتىيىنىڭ لىدىرى ئەخمەت ئەپەندى قاتناشقان. ئۇ بۇ نامايىشتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان.

نامايىشقا جەمئىي 150 كە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، بېلگىيەدىكى ھەرقايسىي تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ نەق مەيداندىن خەۋەر بەرگەن.

نامايىش ناھايىتى جانلىق ۋە تەرتىپلىك شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. راديومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇمۇتەللىپ ئىمىروف ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بېلگىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى قارار رەسمىي ئاۋازغا قويۇلۇپ، رەسمىي ئاخباراتقا ئېلان قىلىنمىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە بېلگىيە تەرەپكە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بېلگىيە پارلامېنتىدىكى ھەرقايسىي پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن بۈگۈن، يەنى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى بېلگىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە رەسمىي قارار ئېلان قىلغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى مەلۇمات بەردى.

مەلۇمكى، بېلگىيە پارلامېنتى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، لىتۋا پارلامېنتىدىن كىيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان 6-دۆلەت بولۇپ قالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت