بېلگىيەدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان

0:00 / 0:00

11-دېكابىر بېلگىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بېلگىيەدىكى مۇنىس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئېلا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئىككى ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ لېكسىيەگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

Belgiyede-Uyghur-Mesilisi-202112-01.jpg

رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە قاتنىشىپ، بېلگىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

لېكسىيە جەريانىدا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇمۇتەللىپ ئىمىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە لېكسىيە پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ، بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بېلگىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

Belgiyede-Uyghur-Mesilisi-202112-03.jpg

مەزكۇر لېكسىيە بېرىش پائالىيىتى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بېلگىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە باشلانغان پائالىيەت كەچ سائەت 7 گىچە ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشقان.

بېلگىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنى بولغان ياۋروپا پارلامېنتى جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەر ۋە ئورگانلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغايدىكەن.

بۇ يىل 8-ئىيۇن بېلگىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە رەسمىي قارار ئېلان قىلغان ئىدى.