بېلگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بېلگىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىشقا چاقىردى
2021.02.12
11-فېۋرال بېلگىيە يىشىللار پاتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن سامۇئىل كوگولاتى ۋە ۋوۇتېر دى ۋىرەندت قاتارلىقلار فىرانسۇز ۋە گوللاند تىلىدا «خىتاي ھاكىمىيىتىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ھەل قىلىش چارىسى» دېگەن تېمىدا 35 بەتلىك دوكلات تەييارلاپ پارلامېنىتتا تونۇشتۇرغان. ئۇلار ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بىلگىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا كېلىشىمگە قارشى چىقىشقا چاقىرغان.
بېلگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۇ چاقىرىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىشىپ يازغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش نىشانى بولۇۋاتقانلىقى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ چاقىرىقتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ يىتىمخانىلارغا، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ تىپىك بەلگىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
چاقىرىقتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ چاقىرىقنى پارلامېنىتتا تونۇشتۇرغان پارلامېنت ئەزاسى سامۇئىل كوگولاتى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى كۈنسايىن ئېغىرلاشتى. بۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەر ۋە دوكلاتلار ئاشكارىلاندى. يېقىندا BBC ئاگېنتلىقىنىڭ لاگېرلاردىكى ئاياللارنىڭ كوللېكتىپ ۋە سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، خەلق ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. يىشىللار پارتىيەسى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ھەقسىزلىققا قارشى تۇرۇشنى ۋەزىپىمىز دەپ قارىدۇق ۋە تەۋەككۈل قىلىپ بۇ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. پارلامېنتتا سانى ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقنى قوغداشنى ھەمدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان پارلامېنىت ئەزالىرى بار.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتقاندا، پارلامېنتتا بۇ چاقىرىقنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشى، قوبۇل قىلىنىشى ۋە ماقۇللىنىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. چۈنكى خىتايدىن كېلىدىغان بىسىم ۋە بېلگىيە ھۆكۈمىتى يۈزلىنىدىغان خەتەر ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى پاتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ۋە تىرىشچانلىق كېتىدۇ. خەلق ئارىسدا خىتايدا بىر ئىشلارنىڭ خاتا بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەن ۋىجدانلىق كىشلەر كۆپەيدى. شۇڭا مەن ئۈمىدۋار. ئىشىنىمەنكى، خەلقنىڭ ئاۋازى پارلامېنت ئەزالىرىغا تەسىر قىلىدۇ. يالغۇز بېلگىيەلا ئەمەس، كەلگۈسىدىكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ سېپىمىزگە قوشۇلىدۇ، دەپ قارايمەن.»
فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى دىلنۇر رەيھان خانىم ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تەكلىپ-لايىھەلەرنىڭ سۇنۇلغانلىقىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ بىر دولقۇننىڭ قوزغىلىۋاتقانلىقنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 11-فېۋرال مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بېلگىيە ئاۋام پالاتاسىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە قوغداش ئۈچۈن سۇنغان تەكلىپ لايىھەسىنى ئالقىشلىدى. دۇنيا قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باياناتتا مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىنايىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان پەيت كەلدى. مەن بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› نى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنى ۋە كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
سامۇئىل كوگولاتى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەكلىپ-لايىھە پارلامېتتا ناھايىتى ياخشى تونۇشتۇرۇلغان. يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئاۋازغا قويۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، بېلگىيە پالامېنىتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى بېلگىيەدە بولۇۋاتقان بۇ تەرەققىياتلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «سامۇئىل كوگولاتى ئەپەندى بىلەن 2019-يىلدىن باشلاپ ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتىمىز. خىتاي بېلگىيەدە تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما داۋايىمىز ھەقلىق بولغاچقا يېشلىلار پارتىيەسى بۇ ھەقلىق داۋانى قوللىدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقى، يېشىللار پارتىيەسى ئېيتقاندەك ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› نىڭ يوقلۇقى ھەققىدە بايانات بەرگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى يەنە بېلگىيە ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بېلگىيە پارلامېنتىدا مۇنازىرە قىلىنماسلىقى ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن.
سامۇئىل كوگولاتى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بېلگىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن كەلگەن بۇ كۈچلۈك ئىنكاسقا ھەيران قالمىدۇق. ئەلچىخانا پارلامېنتقا خەت يېزىپ، پالامېنىتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. بىزنى چۆچۈتكىنى خىتايغا ئوخشاش ئۈچىنجى بىر دۆلەتنىڭ بېلگىيەدەك دېموكراتىك دۆلەتنىڭ پارلامېنتىدا نېمىلەرنى مۇنازىرە قىلىدىغانلىقىغا ئارىلىشالىشى ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكى. لېكىن بىز خەلقتىن ۋە بىر قىسىم مۇھىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قىلىنىۋاتقان سۈكۈتنى بۇزۇشنىڭ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ زامانى كەلدى.»
سامۇئىل كوگولاتى ئەپەندى بېلگىيە ھۆكۈمىتىدىن ناھايىتى ئۈمدۋار بولۇپ، ئاخىرىدا مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «ھامان بىر كۈنى، قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى، بېلگىيە بۇ تەكلىپ لايىھەسى رەسمى قوبۇل قىلىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› جىنايتى دەپ رەسمى ئېتىراپ قىلىدۇ.»
گەرچە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كانادا پارلامېنتى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزىۋاتىدۇ دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ھېچبىر ياۋروپا دۆلىتى ئۇلارنىڭ قارارىغا ئەگەشمىگەن. ئەگەر بېلگىيە پارلامېنىتىدا سۇنۇلغان بۇ لايىھە مۇۋەپپىقىيەت قازانسا، بېلگىيە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېلان قىلىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئەگىشىپ ماڭغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالىدىكەن.