گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدىن بىرى بولغان «خۇمبولدت مۇنبىرى» (Humboldt Forum) يېڭىدىن زامانىۋىي ئۇسۇلدا لايىھەلىنىپ، يېقىندا ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن. بۇ بېرلىندىكى چوڭ تىپتىكى مۇزېيلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بېرلىندىكى خۇمبولدت مۇزېينىڭ شەرق قانىتىغا ئاسىيا سەنئەت مۇزېيى ۋە ئېتنولوگىيە مۇزېيى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 16-سېنتەبىردىن باشلاپ تاماشىبىنلارغا ئېچىۋېتىلگەن.

بۇ موزېينىڭ تور بېتىدىكى تونۇشتۇرۇشلاردىن قارىغاندا، مۇزېيغا قەدىمكى زامانغا دائىر ئېسىل توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، گىلەم ۋە يىپەك مەھسۇلاتلىرى، ساپالدىن ياسالغان بۇيۇملار، تۈرلۈك ئۇسلۇبتىكى كىيىم-كېچىكلەر، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى سەنئەتلىك شەكىلدە تىزىلغان؛ بۇ بويۇملار ھەققىدىكى تۈرلۈك يازمىلار ۋە خاتىرىلەر گىرەلەشتۈرۈلگەن. مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان قەدىمكى مەدەنىيەت-سەنئەت بۇيۇملىرى يوقىرى تېخنولوگىيەلىك ماھارەت بىلەن رەقەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆرگۈچىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى زامان چېكىدىن ھالقىتىپ چىقىپ، ئۇلارنى تۆنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىكى دۇنياغا باشلاپ كىرىدىكەن.
خۇمبولدت مۇنبىرىنىڭ ئاسىيا سەنئىتى بۆلىكى تولىمۇ جەزىبىدار ئۇسلۇبتا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەرگە تىزىلغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئاسىيا خەلقلىرىگە ئائىت قەدىمكى مەدەنىيەت ۋە ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىكەن. بۇ بۇيۇملار ئۇلارنىڭ كىملىك تەۋەلىكى، تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى، ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈملەردە ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانداق ئىختىرالارنى بەرپا قىلغانلىقى ئوبرازلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ئاق مەرمەر ۋە قورام تاشلار بىلەن بېزەلگەن بۇ مۇزېيدا قەدىمىي مەدەنىيەت-سەنئەت بۇيۇملىرى ھازىرقى زامان يوقۇرى تېخنىكىسى ھەمدە سەنئەت لايىھەسى بويىچە گىرەلەشتۈرۈلۈپ نامايەن قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھال زىيارەتچىلەرگە خۇددى شۇ مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى ياراتقان قەدىمكى خەلقلەر بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ تارىخىنى گۈزەل سەنئەت ھېكايلىرى ئارقىلىق ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچى، قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ مۇزېي ئېچىلغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ 3 قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى، ھەر بىر قېتىم زىيارەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان تۇيغۇ ۋە ھاياجانغا چۆمۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابلەت ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ موزېينىڭ ئاسىيا سەنئىتى بۆلىكىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بۇددىزىم دەۋرىگە خاس مىڭ ئۆي تام سۈرەتلىرى، ساپال بۇيۇملار، ياغاچ ئويمىلار، كىيىم-كېچەك ھەم تۈرلۈك توقۇلمىلار، شۇنداقلا تۇرپان ۋە تارىم ئويمانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان تۈرلۈك ئاسارە-ئەتىقە بويۇملىرى ئورۇن ئالغان ئىكەن. ئۇلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا گېرمانىيە ئېكسپىدېتسىيەچىلىرى ۋە ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونىدىن قېزىۋېلىنىپ ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن.
دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان؛ تىل، مەدەنىيەت ۋە كىملىك جەھەتتە مىسلىسىز دەرىجىدە يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، گېرمانىيىدىكى بۇ داڭلىق موزېيدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىتا ياراتقان پارلاق مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىشى ۋە دۇنيا ئەھلىگە كۆرسىتىلىشى، ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ، دۇنيادىكى چوڭ تاراتقۇلاردا بۇ مۇزېيغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان بۇ مۇزېينى زىيارەت قىلغۇچىلار ھەسسىلەپ كۆپەيگەن. 4 مىڭ كۋادرات مېتىر دائىرىگە ئىگە بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىنىڭ ئېتنولوگىيە مۇزېيى بىلەن ئاسىيا سەنئەت موزېيى بۆلىكىگە 20 مىڭدىن ئارتۇق كۆرگەزمە بۇيۇمى قويۇلغان ئىكەن. بۇلار ئاساسلىقى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا دائىرى مەدەنىيەت مىسرالىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى كۆرگەزمە قىلىنمىغان بولۇپ، زىيارەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.

ئابلەت سەمەتنىڭ تەكىتلىشىچە، خۇمبولد مۇنبىرىدىكى ھەرقايسىي مۇزېي بۆلۈملىرىگە قويۇلغان بۇيۇملار ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئاسىياغا ئائىت بولۇپ، بۇ بۇيملارنىڭ بىر قىسمى مۇستەملىكە ۋە ئىرقچىلىق تارىخىنىڭ جانلىق خاتىرىسى ئىكەن. بۇ بۇيۇملار زىيارەتچىلەردە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تەسىرى ھەققىدە جىددىي سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.