بېرلىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن

0:00 / 0:00

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى مەزگىلىدە بېرلىندىكى باش مىنىستىر بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىش ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئەسلىدە 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيەنىڭ لايىپسىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈش قارار قىلىنغان بولۇپ، خىتايدىن تارالغان كورونا ۋاباسى سەۋەبلىك بۇ يىغىن 14-سېنتەبىر سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېس مىچېل، ياۋروپا كومىسىيۇنىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لايىن قاتارلىقلار قاتناشقان.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىن تارقىلىشى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەددىدىن زىيادە ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى، خوڭكوڭ ھەم تىبەت مەسىلىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتاينىڭ ئوبرازى ياۋروپادا زور دەرىجىدە سۇنغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

ئىككى تەرەپنىڭ تور سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە بېرلىندىكى باش مىنىستىر بىناسى ئالدىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرقىسىم خادىملىرى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتايغا بولغان نارازىلىقلىرىنى بايان قىلغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا كونكرېت جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ نامايىشنىڭ كۆلىمى زور بولمىسىمۇ، ئەمما تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دەرۋەقە، بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان مەشھۇر سىياسىي ژۇرناللاردىن «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ 14-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى تەلەپ قىلدى» ناملىق ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىغىن ھەر ئىككى تەرەپ كۆزلىگەندەك ئۇ قەدەر نەتىجىلىك بىر يىغىن بولمىغان. يىغىندا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېس مىچېل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكرار-تەكرار تىلغا ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى «مۇستەقىل بىر كۆزەتكۈچىلەر ئەترىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئۈچۈن كىرىشىگە يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ،» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «بىز خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتىمىز،» دېگەن ھەمدە «بىز ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرالمايمىز، بۇ مەسىلىلەر چوقۇم ھەل قىلىنىشى لازىم،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنى شىنجاڭغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ: «ئەمما سىز ئۇ يەردە بىر نەرسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈشىڭىز لازىم،» دېگەن. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق بىر ئىجابىي ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بۇنداق پوزىتسىيەسىنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، چوقۇم ئەمەلىي بىر ھەرىكەت قوللىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

14-سېنتەبىر كۈنى د ئۇ ق ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا «ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان» ئىدى.