ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 19-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى رەسمىي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە پارلامېنتى، كانادا پارلامېنتى، گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە لىتۋا پارلامېنتى قاتارلىق بەش دۆلەت ئاپپاراتىمۇ ئارقا-ئارقىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلدى.
ئەنگلىيەدىكى مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» مۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باھالاشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلىرىنى تۇنجى قېتىم سوتلاشتەك بۇ تارىخىي سوتنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، كوللېگىيەنىڭ سوتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىغا شەخسىي ھۇجۇم قىلىش، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىغا قارىتا بوھتان چاپلاش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىسپاتلارنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا گىرمانىيەدىكى «ئەينەك» گېزىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى دىسنېي باغچىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا بىر «سەھنە» ياساپ، سەھنىدە «خۇشال ياشاۋاتقان ئۇيغۇر» ئوبرازىنى يارىتىشقا كۈچەۋاتماقتا ئىكەن.
مەزكۇر ماقالىگە قارىغاندا، ئاپتور خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئاراغا كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىۋاتقان «مۇزتاغنىڭ پەقەتلا كۆرۈنگەن قىسمى» نىڭ ئاستىدىكى يوشۇرۇن بۆلىكىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان.
ئاپتور ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىز بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە بۇ رايوننى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىمىز. مەركىزىي شەھەر ئۇرۇمچى، تۇرپان يېزىلىرى، ئۇيقۇدىكى شەھەر ياركەنت ۋە بوستانلىق شەھەر قەشقەرنى زىيارەت قىلىمىز.»
ماقالىدە بۇ يىلقى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھىيت كۈنى، يەنى 13-ماي كۈنىدە خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز كامېراسىنىڭ نەق مەيداننى سۈرەتكە ئالغانلىقى، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى خىتاي تەشۋىقات قاناللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقىتىدىغانلىقى يېزىلغان. ماقالىدە يەنە: «ئۇلار بۇ سۈرەتلەرنى بېيجىڭدىكى رەھبەرلەرگە ۋە خەلقئاراغا كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە ئەركىن ھالدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك قىلىدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن.
رامازان باشلىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەسچىتلەرگە بېرىشقا ئۈندەپ ھەتتا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ئەمما 4 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن تۇتۇلۇش دولقۇنىدىن قورقۇپ كەتكەن خەلق ئاممىسىنىڭ، مەسچىتكە بېرىشقا زورلىسىمۇ، بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنگەن ئىدى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 26-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «شىنجاڭدا ھەرگىزمۇ مىللىي مەسىلە، دىنىي مەسىلە ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.
يېقىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشى ھەققىدە بىر پارچە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ دوكلاتتا 2014-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان، كېسىۋېتىلگەن ۋە ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ئىماملار ۋە باشقا دىنىي زاتلارغا ئائىت 1046 دېلو تۇرغۇزۇپ چىقىلغان. ئۇلار بۇ رەقەمنى «مۇز تاغنىڭ پەقەتلا كۆرۈنگەن قىسمى» دەپ ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنى ئاقلاش، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللانماقتا ئىكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئارقىسىغا چۈشكەن كىشىلەرنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئۇلار ئادەتتە 20 ياشتىن 40 ياش ئارىلىقىدىكى تەق-تۇرقى ئوخشاش ئەرلەر، ئادەتتە بېشىدا شەپكە، يۈزىدە ماسكا ۋە كۆزىدە كۆزەينەك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان قوشۇمچە ئەسۋابى ئەرلەر سومكىسى». ئاپتور ئۇلارنى «كۆلەڭگە» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بىر ھەپتە جەريانىدا كۆلەڭگىلەر ئۇلاردىن ئايرىلمىغان.
ئاپتور ماقالىسىدە يەركەندىكى بىر قانچە مەسچىتكە ئېسىلغان قىزىل لوزۇنكىلارغا «ئەيداڭ، ئەيگو»، يەنى «پارتىيەنى سۆيۈڭ، ۋەتەننى سۆيۈڭ» دېگەن شۇئارلارنىڭ ھەممە يەرگە ئېسىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يەرلىك كادىرلار ئۇلارغا بىر مەسچىتنى كۆرسەتكەن. مەسچىت پاكىز ئىكەن، لېكىن ئاپتورنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى ئەسلىدە ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەر كېرىپ تاھارەت ئالىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكىگە خىتايچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە «ساياھەتچىلەر ھاجەتخانىسى» دېگەن خەت يېزىلغان تاختا ئېسىلغان.
ئۇ يەنە ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۇيغۇرلار ئۆز ھاياتىنى ناھايىتى ئىتائەتمەنلىك بىلەن روھسىز بىر شەكىلدە ياشاۋېتىپتۇ. بۇ خىل دىسنېي باغچىسىدىكى ئويۇنغا ئايلىنىپ قالغان مەدەنىيەت ئاسان ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇپ كېتىدۇ. ئۇيغۇرلانىڭ بۇ خىل شەكىلدىكى مەۋجۇتلۇقىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئارزۇسىدەك قىلىدۇ.»
ئاپتور قەشقەر، يەركەن، ئۈرۈمچىلەردە ئۇچراتقان تاكسى شوپۇرى، مېھمانخانا يېنىدىكى مال ساتقۇچى ۋە باشقا يەرلەردە ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتكەن.
ئۇ ئاخرىدا ئۆزى يولۇققان بىر كېچىك ۋەقەنى مۇنداق دەپ يازغان: ئۇلار بىر تاكسى توسقان. تاكسى شوپۇرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنكى ئەنسىرەشلىرى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: «تاكسى شوپۇرى بىزنى تاجىك دەپ ئويلاپ ماشىنىسىغا ئالغان ئىكەن. ئۇ بىزگە: ‹سىلەر كەتكەندىن كېيىن بىزگە نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيسىلەر› دېدى. بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال. شىنجاڭدىن ئېلىپ كەتكەن سۈرەتلىرىمىز سەل تۇتۇق، ئەمما بىر نەرسە ئېنىق: ئۇ بولسىمۇ داۋاملىشىۋاتقان ۋەھىمە.»