دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
11-ئاينىڭ 9 - 10 - كۈنلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىراكىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى قۇرغان ئاخىرقى ئىككى جۇمھۇرىيىتىنى بىرلىكتە خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان.

بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىسىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۆز نۇتۇقىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسىنىڭ 3 - جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئالدىنقى كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىدا خەلقئارا قانۇنشۇناسلارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەققىنى دۇنيانىڭ تونۇيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى ۋە قانۇنىي جەھەتتىن دەلىللىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
بۈگۈن بۇ مۇراسىم ھەققىدە زىئارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنىڭ بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەھمىيەتلىرىنى بايان قىلدى. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ساھىپخانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللام ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. بېلگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئەكبەرجان بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ھەر يىلى خاتىرىلەشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا مىللىي روھنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش ۋە ئەۋلادلارنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيەلەشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

1933- يىلى 12 - نويابىر قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 - يىلى 12 - نويابىر قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 11 - 12 - نويابىر كۈنلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.