ساغلاملىق يېتەكچىسى بەختىيار سادىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئىككى قېرىندىشى، ئۇنى قاماقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشكە ئاتلانغان. ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ ئەھۋالنى شىۋېتسىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ، بەخىتىيار سادىرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان. بىرقانچە كۈندىن بۇيانقى ئېنىقلاشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەختىيار سادىر 13 -ئۆكتەبىر كۈنى ئېغىر كېسەل ھالەتتە ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
كىچىك ۋاقتىدا بىر قولى كۆيۈپ كېتىپ مېيىپ بولۇپ قالغان بەختىيار سادىرنىڭ كېلەچىكى تەبىئىي ھالدا مەزكۇر ئائىلىنىڭ چوڭ بىر غەم-ئەندىشىسىگە ئايلانغان. ئويلىمىغان يەردىن، بەختىيار سادىر زېرەكلىكى، تىرىشچانلىقى، بولۇپمۇ ناتىقلىقى بىلەن ساغلاملىق ساھەسىدە جەمئىيەتتە ئۇتۇق قازانغان كىشىلەر قاتارىغا ئۆتۈپ بەلگىلىك ئىگىلىك تىكلىگەن. ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە ئېغىرى چۈشۈش ئەمەس، ئەكسىچە، جەمئىيەتتە يۈزلىگەن ياشلارنى ئىش بىلەن تەمىنلەپ جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكەن.
شۇڭا سەيدىجان سادىر بىلەن مىنەۋەر سادىر2012 -يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندە، بۇ مېيىپ قېرىندىشىنى يالغۇز قالدۇرۇشتىن ئەندىشە قىلمىغان. پەقەت2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، رايوندىكى سىياسىي بوران-چاپقۇن چوڭ-كىچىك، ياش-قېرى، ئاجىز-كۈچلۈك پەرقلەندۈرمەستىن زەربە بېرىپ ماڭغاچقا، ئاجىز قېرىندىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلار شىۋېتسىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردىن ئۆزلىرىنى تارتقان.
ئۇلار بۇ ئۆزىنى تارتىشنىڭ ۋە قېرىندىشى بەختىيارنىڭ ئېھتىياتچانلىقىنىڭ قىلچە كارغا كەلمىگەنلىكىنى، يەنى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رادىيومىز ئارقىلىق ئۇققاندىن كېيىن قېرىندىشىنى قۇتقۇزۇشنىڭ قولىدىن كېلىدىغان چارلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.
بۇلار بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شىۋېتسىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، شىۋېتسىيە پارلامېنتى قاتارلىق ئورۇنلارغا مەكتۇپ يوللىغان.
ئۇلار يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا، قېرىندىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق باياناتى بەرگەن. سەيدىجان سادىر ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئاكىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان.
سەيدىجان ئاخىرى ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئاكىسىنىڭ تۇتۇپ ئەكېتىلگەن ئورنى، ۋاقتى ۋە ھالىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئىگىلىشىچە، بەختىيار سادىر،13-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى خوتەن يولى تەۋەلىكىدىكى ئۆيىدىن ئېغىر كېسەل ھالەتتە تۇتۇپ ئەكېتىلگەن ۋە دەسلەپتە، ئۈرۈمچىنىڭ گاۋفېڭچۈ) يۇقىرى كېسەل رايونى( دەپ ئاتىلىدىغان بىر كارانتىن ئورنىغا ئەكېتىلگەن. بۇ يەردە 15 كۈنچە كارانتىن قىلىنغاندىن كېيىن قاماقخانىغا يۆتكەپ كېتىلگەن. سەيدىجان سادىر يەنە بەختىيار سادىرنىڭ سالاھىيەت كىنىشكا نومۇرىنى ئۈرۈمچىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تور بېتىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، 6 -نويابىر كۈنى ئاكىسى ئۈستىدىن يۇقۇم تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بۇ تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ ساق چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
تېلېفونىمىزنى تەكرار قوبۇل قىلغان قارلىغاچ رايون ساقچى خادىمى، بەختىيار سادىرنىڭ كارانتىن چىققانلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغاندا ئېغىر كېسەل ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەكرارلىدى.
يۇقۇم تەكشۈرۈش نەتىجىسى سەيدىجاننى قىسمەن خاتىرجەملىككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى يوقىتالمىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىق ئۇچۇرى، سەيدىجان بىلەن ھەدىسى مىنەۋەرنىڭ ئەندىشىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان.
ئاكىسى قاماقتىن چىقىمىغىچە، چەتئەل ھاياتىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زەھەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سەيدىجان سادىر، ئاكىسىنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ھەرقانداق بىر مۈشكۈلاتقا ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.