خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارادا بۇنىڭغا قارشى چارە-تەدبىر قوللىنىش چۇقانلىرى بارغانسېرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ھەمدە بېيجىڭ شەھىرىگە بېرىلگەن ساھىبخانىلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىش چاقىرىقلىرى ئەنە شۇنىڭ بىرىدۇر.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، جۈملىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن «بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشىڭلارنى سورايمەن» دەپ ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىن بۇ چاقىرىق كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئوبزورچىلاردىن س. ج. ۋېرلېمەن (C. J. Werleman) ئاشۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرى.
ئوبزورچى ۋېرلېمەن خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى يازمىلىرىدا مەزكۇر مۇسابىقە بىلەن 1936-يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سېلىشتۇرىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە يەھۇدىيلار «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» بويىچە زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ھازىرغىچە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بېرلىنغا بېرىشنىڭ 1931-يىلى تاماملانغانلىقىنى، بۇنىڭ گىتلېر تەختكە چىقىشتىن ئىككى يىل بۇرۇنقى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە جاۋابكار ئەمەسلىكىنى ئاقلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، گىتلېرنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى بېرلىنغا مەزكۇر ھوقۇق بېرىلىشتىن بۇرۇنلا ھەممىگە مەلۇملۇق ئىكەن. چۈنكى «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق ئەسىرىدە گىتلېر 1925-يىلىلا ئۆزىنىڭ بارلىق كەلگۈسى پىلانلىرىنى ئاشكارا بايان قىلغان.
ئاۋسترالىيەدىكى موناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كەۋىن كاررىكو (Kevin Carrico) بۇ مەسىلىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ ھوقۇقنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايغا بېرىلىشىلا خاتا بولغان بىر قارار بولغان. ئەمدى بولسا بۇ خاتالىق قايتىدىن تەكرارلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«مېنىڭچە 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنىڭ بېيجىڭغا بېرىلىشىدە خەلقئارانىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىياسىي جەھەتتىكى ئاشكارىلىق ساھەسىدە خىتايغا تەسىر كۆرسىتىشىگە ھەمدە ئەقەللىي بولغان كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش خاھىشىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالغان. ئەمما كېيىن قارايدىغان بولساق رېئاللىق ئۇنداق بولۇپ چىقمىدى. چۈنكى بىز بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتلەردە، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ياكى سىياسىي جەھەتتە ئۆز-ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشىدا 2008-يىلىدىن بۇيان ھېچقانداق تەرەققىياتنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى كۆرمىدۇق. ئەينى ۋاقىتتا بۇ مۇسابىقە خەلقئارادا ھېچقانداق زور كۆلەملىك بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى بولمايلا ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى. ئەپسۇسكى، 2015-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇشۇ ئەھۋاللارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بېيجىڭغا تاپشۇردى. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن دېموكراتىيە ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىش ياكى كىشىلىك ھوقۇقلارنى خالىغانچە پايخان قىلىشنى داۋام قىلدۇرغان ئەھۋالدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلەيدىكەنمىز، شۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوبدان نامايان قىلالايدىكەنمىز، دەپ ئويلاشقا باشلىدى.»
ئوبزورچى ۋېرلېمەننىڭ پىكرىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2015-يىلى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بېيجىڭ شەھىرىگە بېرىشى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆلەملىك لاگېرلار سىستېمىسى خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭدىن تۆت يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ لاگىرلار سىستېمىسى ھەققىدە شۇنچە كۆپ ئىشەنچلىك مەلۇماتلار، شاھىتلارنىڭ بايانلىرى، ئۇ جايلاردىكى جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلار، ئائىلىلەردىكى جۇدالىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تويلىشىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، لاگېرلاردىكى جىنسىي خورلۇق قىلمىشلىرى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئوغرىلىنىشى دېگەنلەر ھەققىدە تاغدەك ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر كۇتۇپخانىنى توشقۇزغىدەك ماتېرىيال يىغىلغان ئەھۋالدا ئۇ «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يەنە نېمىشقا بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ.
پروفېسسور كېۋىن كاررىكو بولسا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگىرلار مەسىلىسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇقلۇق يەنىلا بۇنى ئاڭلىمىغانغا سېلىۋېلىشىنى «ئولىمپىك روھىغا پۈتۈنلەي قارشى» دەپ قارايدۇ.
«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئومۇمەن ھەرقاچان ناچار بولۇپ كەلمەكتە. 2008-يىلىدىن بۇيانغا قارايدىغان بولساق ئەھۋالنىڭ روشەن ھالدا ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز. بولۇپمۇ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىق ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلگەن 2015-يىلىدىن بۇيانقى ئەھۋالغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق ھازىر دۇنيادا كۆپلىگەن كىشىلەرگە مەلۇم بولغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ دەل ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ يۇغۇرى پەللىگە چىققانلىقى ئايان بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ دەپ ئاتىۋالغان بۇ ماكاندا كۆپلەپ قۇرۇلغان ئاشۇ لاگېرلارغا ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون مۇسۇلمان ئاممىسى، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ تەخمىنلىرىچە ئۈچ مىليون كىشى قامىلىپ بولدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ھازىرقى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ قۇربانى بولغان كىشىلەردۇر. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئوچۇق-ئاشكارا ھەمدە تۈپتىن قارىمۇ-قارشى بولغان قىلمىشتۇر.»
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئولىمپىك تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان «ئولىمپىك مەشئىلى بارغانلىكى جايدا قارشىلىق ۋە ئۇنى تارتىۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرى» غا دۇچ كېلىش، خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزگۈدەك ئەمەلىي شارائىتىنىڭ ھازىرلانمىغانلىقى قاتارلىق رېئاللىقلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ ئىزچىل ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشقا ئىنتىلىپ كەلمەكتە. پروفېسسور كېۋىن كاررىكونىڭ پىكرىچە، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىشنى باش نىشان قىلغان.
«ھەممىلا ھاكىمىيەت ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشنى خالايدۇ. دېموكراتىك ئەللەردە شۇ سەۋەبتىن بىرنەچچە يىلدا بىر قېتىمدىن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇشۇ سايلاملاردا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تاللىشى بويىچە ئۆزلىرى توغرا، دەپ قارىغان پارتىيەگە ئاۋاز بېرىپ قانۇنلۇق بىر ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىقىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت ماھىيەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم پۇقرانىڭ ئارزۇسى ۋە بېلەت تاشلىشى بويىچە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. خىتايدىمۇ شۇ خىلدىكى شەكلەن سايلاملار ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەمما بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ماھىيەتتە مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزلىرىنى قانۇنلۇق ئورۇنغا تىزىۋالىدۇ. ئۆتكەن يەتمىش يىللىق تارىختا بۇ شۇنداق بولۇپ كەلدى. ئەمدى رېئاللىققا قارايدىغان بولساق خىتاي كومپارتىيەسىمۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى ‹قانۇنلۇق› سالاھىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بايانلارغا بەكمۇ موھتاج. ئەمما ئۇلار بۇنى دېموكراتىك يوسۇندا سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نامايىش قىلىشقا ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سىستېمىسىدا ھەممىلا نەرسە كونترول قىلىنغان بولىدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە قانداق تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمگىكى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ‹ھەسسە› قوشقانلىقى، شۇنىڭدەك ئولىمپىك مۇسابىقىسى ياكى دۇنيا كۆرگەزمىسى دېگەندەك خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى تەن ئالدۇرماقچى بولىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسى زۇلۇم سېلىشنى ئاساسىي تېما قىلغان سىياسىي تۈزۈلمىنى يوشۇرۇپ، بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدەك زور ھەجىملىك پائالىيەتنى ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى ئىستەيدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بىكار قىلىش ھەققىدە كۆپلىگەن خەلقئارالىق چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىمۇ بۇ مەسىلىدە تەڭقىسلىقتا قالماقتا ئىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا قانداق قارار ئالىدىغانلىقى، يەنى خاتالىقنى توغرىلىشى ياكى بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشى ھەققىدە ھازىرچە ھۆكۈم قىلىش قىيىن ئىكەن.
0:00 / 0:00