ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلگەن ۋە دېيىلمىگەن ئامىللار

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.09.26
C5plus1-bashliqlar-ottura-asiya-amerika C5+1 يىغىنىدا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ خاتىرە سۈرىتى
kz.usembassy.gov

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 19-سېنتەبىر كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم دۆلەت پىرېزىدېنتلىق دەرىجىسىدە كۆرۈشكەنىدى. بۇ يىغىندا بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مۇھىم كان مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، يىغىن ئاخىرىدا ئورتاق بىر باياناتقا ئىمزا قويغانىدى. بۇ باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن تارىخى بىر بۇرۇلۇش دەپ قارالماقتا.

ئاقساراي (White House) تور بېتىنىڭ 2023-يىلى 21-سېنتەبىردىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ پىرېزىدېنتلىرى ئورتاق باياناتقا ئىمزا قويغانلىقى، مەزكۇر كېلىشىمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك، سودا، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، مۇھىت مەسىلىسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تېررورلۇق ۋە زوراۋان رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇھىم بىر تەرەققىيات ئىكەنلىكى، بۇ كېلىشىمنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئالاقە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇھىم. بىز بۇ ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتىن ئامېرىكانىڭ مۇشۇنداق نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. ئورتاق باياناتتا سودا يوللىرى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ مەركىزى كارىدور ئارقىلىق ئېنېرگىيە ئەۋەتىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بار. قارىماققا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىن كېلىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەركەزلەشكەنلىكى ئېنىق. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشى مۇھىم بىر تەرەققىيات. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ باياناتقا ئىمزا قويغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى بۇ باياناتتىكى پىكىرلەرنى قوللايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا باشلىقلىرى ئىمزالىغان ئورتاق باياننامىدە بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ئامىللار ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان. بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدىكى پىرىنسىپلاردا ۋە قىلغان ۋەدىمىزدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز. بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان».

پېنسىلۋانىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دۇيكېر (William Duiker) بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ كېلىشىمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئوچۇق ئاشكارا دېيىشنى خالىمايدىغان ئامىللار بار ئىكەن. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى: «مېنىڭچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىقلا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يېقىندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم پېشقەدەم ئەربابلىرىنىڭ كونا سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ چېگراسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرىدىن ئېنىقلا ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن مىللىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىن يېقىن ئالاقىسى بولغان شىنجاڭدىكى (ئۇيغۇر ئېلى) ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىپ ئۇلارنى قاتتىق باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا چاچراش ئېھتىماللىقىغا بولغان سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مېنىڭچە بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئۇنى ئوچۇق ئاشكارا دېيىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا بۇ پەقەت بۇ كېلىشىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان، لېكىن دېيىلمىگەن ئامىللار».

مەزكۇر كېلىشىمدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرقلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سالىدۇ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سودا ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىككە مەبلەغ سېلىشنى قۇلايلاشتۇرىدۇ ۋە قوللايدۇ».

قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور شېرىپجان نادىروف ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىرلەشمە باياناتنىڭ ئېلان قىلىشىنى ۋە ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن بەك مۇھىم. ئۇ: «پەقەت ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ۋە ئىزچىل كۈچەيتكەن تەقدىردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاي ۋە رۇسىيەگە بولغان بېقىندىلىقتىن قۇتۇلالايدۇ» دېدى.

دوكتور شان روبېرتس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئۇلار (ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى) رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خالىمىغان (ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى) بىر ئىش يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا قىزىقىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەمما ئۇلار ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىدى. بۇنىڭغا ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە باشقا تاللاشلارنى بېرىدۇ. بىلگىنىڭىزدەك، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بەك تايىنىدۇ. مېنىڭچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتايغا بەك تايىنىشنى خالىمايدۇ. ئەمما بۇ باياناتتا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق نەرسە تىلغا ئېلىنمىدى. شۇڭا مەن سىزنى بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، بىرلەشمە باياناتتىن كېيىن قانداق ئەمەلىي ھەرىكەت بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، تەرەققىيات ياردىمى ساھەسىدە قانداق تەرەققىيات بولىدۇ. مېنىڭچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق قىلىش ئارزۇسى بار».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى دونالد لۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن بۇ بەش رەھبەرنىڭ ھەر بىرى بايدېننى ئۆز دۆلىتىگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان. بايدىنمۇ يېقىن تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.