بايدېن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ سودا كۈنتەرتىپىدىكى ئالدىنقى مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزگەن

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يىللىق سودا دوكلاتى يوللاپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى سىياسىتىنى شەرھىلىگەن. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ 1-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سودىدا «مەۋجۇت بارلىق ۋاستىلار» نى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا ھەركىتىگە تاقابىل تۇرۇدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكىگە قارشى تۇرۇش سودا كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت «خىتاينىڭ زورلاش خاراكتىرلىك، ئادالەتسىز سودا ھەركىتىنىڭ ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ئامېرىكا مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن.» دوكلاتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە توختۇلۇپ: «بايدېن ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك، دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ،» دېيىلگەن.

دوكلاتتا يەنە «ئامېرىكالىقلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ دۇكانلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئىشچىلارنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدا سىستېمىلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان بىر رېجىم بىلەن رىقابەتلىشىشتەك پايدىسىز ئەھۋالدا قالماسلىقى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدىدا ئامرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تاي ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا ۋەدە بېرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكىگە قارشى تۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ كېڭەش پالاتاسىنىڭ 25-فېۋرال ئوتكۇزۇلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا پالاتا ئەزاسى شەرىد بروۋننىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ: «سۇنداق…مېنىڭچە، مەجبۇرى ئەمگەك ئەلۋەتتە باشتىن ئاخىرىغىچە ئەڭ قەبىھلىكنىڭ مىسالى. مەن بۇ مەسىلىنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى كاسىدىي بىلەن تېخىمۇ تەپسىلىي سۆزلەشتىم،» دېگەن. كاتېرىن تاي بۇ سۆزلەرنى شەرۇد بروۋننىڭ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ئەگەر كاتېرىن تاي كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالسا، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا قارشى تۇرۇشقا ۋەدە بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۇئالىغا جاۋابەن ئېيتقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇشنى سودا سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزۈشى ئامېرىكا خەلقارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى. مەزكۇر ئورگاننىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ تەكىتلشچە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى ئەڭ ھالقىلىق 3 چوڭ ئىشنىڭ بىرى دىيىلسە خاتا بولمايدىكەن. ئۇ 3-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كونكىرېت تەدبىرلەر ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى ھۆكۈمەت بولسۇن ياكى ئۆتكەنكى ھۆكۈمەت بولسۇن، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ھالقىلىق قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ بىرى-تەمىنلەش مەنبەسىنى باشىقىدىن كۆرۈپ چىقىشتۇر. چۈنكى بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى، ئىنسانىي پرىنسىپى، دۆلەت مەنپەئەتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىگە ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ سودا ساھەسىدىكى ۋەكىللىك ئورگانى خىتاي بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىدا ئىقتىسادىي بېسىم قىلىپ، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش› دىگەن پىلانى بار.»

بۇ دوكلات كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ پروگرامما دېرىكتورى پېتېر ئىرۋىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىگە كىرگۈزۈشى «ئىجابىي بىشارەت» ئىكەن.

پېتېر ئىرۋىڭ 3-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «سودا ۋەكىلىنىڭ بۇنداق دېيىشى ياخشى بولدى. بۇنى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى ياخشى بىر بىشارەت. بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنىڭ بىشارىتى. نېمىلەرنى قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە قارىغاندا ئىزچىل ئاكتىپ بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چېگرىدا تۇتۇپ قېلىش جەھەتلەردە ئاكتىپ بولسىمۇ، بىراق بۇ پاختا، پەمىدۇر قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىپ قالدى.»

پېتېر ئىرۋىڭنىڭ قارىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى پاختا، پەمىدۇر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پۈتۈن مەھسۇلاتلارنى بىردەك چەكلىشى، دىققىتىنى ئىچىكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگىمۇ قارىتىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دىدى: «شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى بىردەك چەكلەشنىڭ يولىنى قىلىش كېرەك. چۈنكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ خەۋپى ناھايىتى يۇقىرى. جەيمىس توۋن فوندىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بۇنىڭ خەۋپى قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا يۆتكەش پروگراممىسىنىڭ كۆلىمى زور. شۇڭا دىققەتنى ئۇيغۇر ئېلىدا نېمە بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتىش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك.»

ئۇ يەنە ھۆكۈمەتلەرنىڭ شىركەتلەرگىمۇ بېسىم ئىشلىتىشى، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە-ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە «دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى بىر مەۋقەگە ئەكىلىشى» ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دىدى: «بۇرۇن ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى يالغۇز قىلغان ۋە مەلۇم دەرىجىدە نەتىجە قازانغان ئىدى، لېكىن ئارزۇ قىلغاندەك نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى. ئەمدى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەۋزەللىكى بۇلار ئىنتېرناسىئونالىست بىر مەيدان بىلەن سەھنىگە چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتنىڭ بېشىدە ئولتۇرغانلار خەلقئاراغا تونۇلغان، تەجرىبىلىك دىپلوماتلار بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئوخشاش مەيدان، ئوخشاش مەۋقەدە سۆزلەيدىغان يەرگە ئەكىلىشى ئەڭ چوڭ مەسىلە.»

ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ دوكلاتىدا، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپداقداش ئەللەر، شېرىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئادالەتسىز سودا ھەركىتىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسى پەيدا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى «جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقى»، لېكىن خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «ئەتراپلىق ئىستىراتېگىيە، تېخىمۇ سىستېمىلىق ھەرىكەت» تەلەپ قىلىدىغانلىقى تەكىتگلەنگەن.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ دوكلاتى گېرمانىيەلىك ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز تەييارلىغان «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرى كۆچۈرۈش: شىنجاڭنىڭ رايون ھالقىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يوتكەش پروگراممىسى» ناملىق تەتقىقات دوكلاتى ئامېرىكادىكى جەيمېس توۋن فوندىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم غۇلغىلا قوزغىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

خىتايغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىي ۋە غەيرىي-رەسمىي ھۆججەتلەرگە ئاساسەن تەييارلانغان مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئېشىنچە ئەمگەكە كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىش، ھەمدە ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ ئومۇمىي زىچلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكى شەرھىلەنگەن.