3-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋىدىيو نۇتۇقى سۆزلەپ، جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم تاشقىي سىياسىتىنى بايان قىلدى. بۇ، ئامېرىكادا يېڭى ھۆكۈمەت ئىش باشلىغاندىن بۇيان ئانتونى بلىنكېننىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىنى جامائەتكە تولۇق ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ سۆزىدە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە پرىنسىپى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز ئىش قىلغان ۋاقتىمىزدا ۋاقىتلىق مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋالماي، ئۈستۈنلۈكىمىزنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. پرېزىدېنت بايدېننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكانىڭ ئورنىنى قايتا تىكلىشىمىز كېرەك،» دېدى. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىدە مۇھىم بولغان سەككىز تۈرلۈك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇلاردىن بىرىنچىسى، كورونا ۋىرۇسىنى كونترول قىلىپ، دۇنيانىڭ سەھىيە-ساقلىق بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچىسى، ئىقتىسادىي كىرزىسنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ مۇقىم ۋە كەڭچىل بولغان يەر شارى ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، خەتەر ئاستىدا قالغان دېموكراتىيەنى جانلاندۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ، خىتاي بىلەن روسىيەگە ئوخشاش رەقىبلەرنىڭ توزاقلىرىغا چۈشمەسلىك؛ تۆتىنچىسى، ئامېرىكادا ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن، ئۈنۈملۈك بىر كۆچمەنلەر تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش؛ بەشىنچىسى، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش؛ ئالتىنچىسى، كېلىمات ئۆزگىرىشى كىرزىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، پاكىز ئېنىرگىيە ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەتتىنچىسى، دۇنيا خاراكتېرلىك تېخنىكا ئىنقىلابى داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكانىڭ ئىلغار تېخنىكىدىكى يېتەكچى ئورنىنى ساقلاش؛ سەككىزىنچىسى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش قاتارلىقلار ئىكەن.
ئانتونى بىلىنكىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «21-ئەسىردە بىز دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ گىئو-سىياسىي سىناق خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىمىزدۇر. رۇسىيە، شىمالىي كورىيە قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتمۇ بىزگە چوڭ خىرىس ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەمەن، ئېفېيوپىيە، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىرزىسلار ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. ئەمما خىتاينىڭ تەھدىتى بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، ھەربىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى كۈچى بىلەن مۇقىم ۋە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا سىستېمىغا، دۇنيادا بىز ئۈمىد قىلغان قائىدە-تەرتىپ، قىممەت قاراش، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بىز ئۈمىد قىلغان نەرسە ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىز خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىدىغان يەردە رىقابەتلىشىمىز، ھەمكارلىشىدىغان يەردە ھەمكارلىشىمىز، قارشىلىشىدىغان يەردە قارشىلىشىمىز، ئومۇمەن خىتايغا بوش كەلمەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن دوستلىرىمىز، ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىمىز، ئۇلارنى چەتكە قاقمايمىز. ئەگەر بىز بىرلەشسەك خىتاي ئۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىيالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا دىپلوماتىيەدە ئاكتىپ بولۇشى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشى كېرەك. ئەگەر بىز بۇ جەھەتتە بىر قەدەم چېكىنسەك، خىتاي بىر قەدەم ئالدىغا ماڭىدۇ. بىز يەنە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۆز قىممەت قارىشىمىزنى تېخىمۇ چىڭ قوغدىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز بۇنداق قىلمىساق، خىتاي تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ.»
ئانتونى بلىنكېن يەنە 3-مارت كۈنى ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇخبىرنىڭ: «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېدى. ئەگەر شۇنداق بولسا ئامېرىكا خىتاي ئىنكار قىلىۋاتقان بۇ جىنايەتكە قانداق جازا تەدبىرى قوللىنىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئوخشاش كونكرېت مەسىلىلەرگە كەلسەك، بۇنىڭدا بىز قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار ۋە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار بار. بىز خىتايغا ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. شۇنداقلا شىنجاڭدىن چىققان مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولۇپ قالسا، ئۇلارنى سېتىۋالماسلىقىمىز كېرەك، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ مۇشۇنداق قىلىشقا چاقىرىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ بۈگۈن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قارشى بىردەك ئاۋاز چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.»
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بۇ بايانلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي سىياسىتىنى، جۈملىدىن خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىنى ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتىدىغان نۆۋەتتىكى سىياسىتى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.