بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «شېئىن»، «تېمۇ» شىركەتلىرىگە زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2024.09.18
بايدېن ھۆكۈمىتى 13-سېنتەبىر ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەم ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى خىتايغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ سودا «يوچۇقى» نى «سۇيىئىستېمال قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاينىڭ تور ئارقىلىق پارچە سېتىشى شىركەتلىرى شېئىن ۋە تېمۇغا زەربە بېرىش تەدبىرلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.
بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەدبىرىدە (تەكلىپىدە) ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا بېجىغا مەنسۇپ مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىپ سېتىلىشىنى چەكلەيدىكەن. شۇنىڭدەك 800 دوللارغىچە بولغان پوسۇلكا (خالتا) لارنىڭ بۇرۇنقىدەك تەكشۈرۈلمەستىن ۋە باج قويۇلماستىن ئامېرىكاغا كىرىشىگە يول قۇيۇلمايدىكەن. بۇ، خىتاينىڭ شېئىن، تېمو شىركەتلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقانىدى. ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيانقى 800 دوللاردىن تۆۋەن بولغان ماللارنىڭ چەتتىن كىرگۈزۈلۈپ ئامېرىكادا سېتىلىش مىقدارىدا يۈز بەرگەن پارتلاش خاراكتېرلىك ئەھۋال ئاساسلىقى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك توردا پارچە سېتىش سۇپىسى بولغان «شېئىن»، «تېمۇ» بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. شۇڭا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەدبىرىنىڭ زەربە نىشانى «شېئىن» ۋە «تېمۇ» دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بايدېن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجى ئالىدىغان يېڭى تەدبىرلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«بايدېننىڭ ‹يوچۇق› (loophole) نى ئېتىش پىلانى توغرا يۆنىلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم. بۇ پىلان ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتايغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك، فانتانىل ۋە ئادالەتسىز سودا ئادەتلىرى قاتارلىق ھەر خىل كىرىزىسلارنى ھەل قىلىشقا بەك كېچىكىپ ئېلىنغان بىر تەدبىردۇر».
تەنقىدچىلەر، ھەر كۈنى 4 مىليون پوسۇلكىنىڭ تاموژنىدىن تەكشۈرۈلمەي ئۆتۈشىنى «يوچۇق» (loophole) دەپ ئاتىغان شۇنىڭدەك بولۇپمۇ، شېئىن ۋە تېمۇغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق پارچە ساتقۇچىلىرىنىڭ بۇ «يوچۇق» تىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەرنى بىۋاسىتە ئامېرىكالىقلارغا سېتىشىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ «يوچۇق» نۇرغۇن ئامېرىكالىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك فانتانىلنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا خالىغانچە كىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ ئەيىبلەنمەكتە.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) 800دوللاردىن تۆۋەن قىممەتتىكى پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەيدىغان ھەمدە تاموژنا بېجى ئالمايدىغان سىياسەتنىڭ خىتاينىڭ شېئىن ۋە تېمۇ قاتارلىق پارچە ساتقۇچىلىرى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، «شېئىن»، «تېمۇ» نى دەرھال تاقاش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ 1930-يىلدىكى تاموژنا بېجى قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ شېئىن ۋە تېمۇ قاتارلىق پارچە ساتقۇچىلارغا قارىتا ‹يوچۇق› (loophole) نى ئېتىش، يەنى 800 دوللارغا يەتمەيدىغان پوسۇلكىلارنىڭ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىنلا ئامېرىكاغا كىرىشىگە يول قويۇش ئىجابىي بىر قەدەم. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى خېلى بۇرۇنلا قىلىش كېرەك ئىدى. بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ‹شېئىن›، ‹تېمۇ› سودا قائىدىلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنى دەرھال تاقاش كېرەك ئىدى. ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرۈپ ئىستېمالچىلارغا سېتىش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. لېكىن بۇ بىز ئويلىغاندەك ئۈنۈملۈك ئەمەس. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىل ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› يولغا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ 1930-يىلدىكى تاموژنا بېجى قانۇنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. يەنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى قەتئىي چەكلەندى. پىرېزىدېنت بايدىننىڭ تەدبىرى مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ قىممەتلەشتۈرۈپ، ئۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئېنىقكى، بىز 1930-يىلدىكى تاموژنا بېجى قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشمىز كېرەك».
بۇنىڭدىن باشقا «شېئىن»، «تېمۇ» نىڭ ئامېرىكا بازىرىدا سېتىۋاتقان مەھسۇلاتلىرى بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكى، تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە ئاشخانا بۇيۇملىرى قاتارلىق ئامېرىكالىقلارنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ خىل رېئاللىق «ئامېرىكا ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك كومىتېتى» نى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. بۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك كومىتېتى» خىتاينىڭ «تېمۇ» ۋە «شېئىن» قاتارلىق توردا پارچە ساتقۇچى شىركەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان. مەزكۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن پىتىر فېلدمەن (Peter A. Feldman) ۋە دوگلاس زىياك (Douglas Dziak) 3-سېنتەبىر كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ «شېئىن»، «تېمۇ» قاتارلىق توردا پارچە سېتىش سۇپىلىرىدا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ «ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىكى قانۇنى» دىكى ماددىلارغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
يۇقىرىدىكى سەۋەب بىلەن، 100 دىن ئارتۇق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يەنى 11-سېنتەبىر كۈنى پىرېزىدېنت جوۋ بايدېنغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي بىلەن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئامېرىكا قىرغاقلىرىغا يېتىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان «يوچۇق» نى ئېتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. يەنى «شېئىن» ۋە «تېمۇ» سۇپىلىرىدا ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەسلىكتىن ئىبارەت «ئەڭ تۆۋەن چەك» قائىدىسى بويىچە تۈرلۈك ماللار تەكشۈرمەيلا بىۋاسىتە ئىستېمالچىلارغا سېتىشنى چەكلەشنى جوۋ بايدېندىن تەلەپ قىلغانىدى.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ 13 سېنتەبىر ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغىنىنىڭ قائىدە ۋە تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«تاموژنا ۋە چېگرا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈشى ناھايىتى چوڭ ۋەزىپە. بايدېن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان قائىدە ۋە تەدبىرلەرنىڭ پايدىسى بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئەگەر بۇ تەدبىرلەر ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىياللارنى توسقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغىنى قائىدە ۋە تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش. بۇ يەردە 800 دوللاردىن تۆۋەن بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر ئىمپورت قىلىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن بەك كۆپ. بۇنداق ئەھۋالدا بولسا، ئامېرىكادا يېتەرلىك تاموژنا ۋە چېگرا تەكشۈرگۈچىلىرى بارمۇ؟ بۇنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بىر مەمۇرى خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك؟ ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى قىلماقچى بولسا، بۇنىڭغا سەرپ قىلىدىغان مەبلەغ نەدىن كېلىدۇ؟»
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بايدېن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا تاموژنىسىدا قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرۈپ ئىستېمالچىلارغا سېتىش توغرۇلۇق تەدبىرنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغان ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا بېجىغا مەنسۇپ مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدە تاموژنىدىن كەچۈرۈم قىلىنىپ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەندى. يەنى يېڭى تەدبىردە، 800 دوللارغا يەتمەيدىغان پوسۇلكا (خالتا) لارنىڭ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئامېرىكاغا كىرىشىگە يول قويۇشى بىر تەرەپتىن ئامېرىكا زاۋۇت ۋە شىركەتلىرىنى قوغداش تەدبىرى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىدۇر. ئامېرىكادا ھازىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى خىتايغا قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى ۋە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئېنىقلانغان مەھسۇلاتلارنى قارا تىزىملىككە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىپ بازارغا سېلىنىشىنى توسقان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەيدىغان ھەمدە تاموژنا بېجى ئالمايدىغان سىياسىتى خىتاينىڭ شېئىن ۋە تېمۇ قاتارلىق تور ئارقىلىق پارچە ساتقۇچى شىركەتلىرى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) نىڭ قارىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ 13 سېنتەبىر ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئامېرىكادىكى سايلام بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇ مۇنداق دېدى:
«شېئىن، تېمۇ ھەر ئىككىسى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىنىۋاتىدۇ. بايدېن ئوتتۇرىغا قويغان تەدبىرلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە بىۋاسىتە خىتاب قىلمىغان بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ، شىركەتلەرنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى ئەرزان باھادا سېتىشىغا يول قويمايدۇ. ئەلۋەتتە، تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەنگەن شىركەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. نېمە ئۈچۈن بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرنى ھازىر يولغا قويىدۇ؟ ئامېرىكادا سايلام ۋاقتى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بايدېن ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىگە ھەقىقىي دىققەت قىلمىدى دەپ قارايدۇ. بۇ (تەدبىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى) دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئادالەتسىز سىياسىتىدە قارىتا خىتايغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».