پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ۋە شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشكەن بىراق سۆھبەتتىن بەك نەتىجە ئالالمىغانلىقى مەلۇم

0:00 / 0:00

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن جۈمە كۈنى يەنى 18-مارت كۈنى ئەتىگەندە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى قىلىپ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىگەن. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سۆھبىتى بىر كۈن ئاۋۋال ئاقساراي ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىدى. باياناتتا ئىككى رەھبەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا بۇ سۆھبەت يىغىنى ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان، بىراق بۇ يىغىندىن قانداق بىر كونكرېت نەتىجە چىققانلىقى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى ھەر ئىككى دۆلەت بۇ ھەقتە ئاخباراتقا بەرگەن ئۇچۇرىدا كونكرېت تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلمىغان.

يىغىن ھەققىدە خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان رەسمىي يازما بايانىدا نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئەڭ ئاخىرىدا ئورۇن بەرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

«ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. پرېزىدېنت بايدېن ئامېرىكاىڭ مەيدانىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دېگەن:

«ھەر قايسى تەرەپلەر رۇسىيە-ئۇكرائىنا دىئالوگى ۋە سۆھبىتىنى ئورتاق قوللاپ، نەتىجە ۋە تىنچلىق توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشى كېرەك. ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يەنە رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ تۈگۈنىنى ھەل قىلىپ، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك.»

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ يازما بايانات بۇ سۆھبەتكە دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چۈنكى بۇ يازما باياناتتا خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ياكى بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق كونكرېت بىر يېڭىلىق يوق ئىدى.

ئامېرىكا ئاقسارايى تەرىپىدىن تارقىتىلغان رەسمىي باياناتتا «سۆھبەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا سەۋەبسىز تاجاۋۇز قىلىشى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىندى. پرېزىدېنت بايېدىن ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىزنىڭ بۇ كرىزىسقا بولغان كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.» دېيىلگەن ۋە پرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتاي تەرەپكە خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرايىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى ھەرقانداق بىر ياردەم بىلەن تەمىنلىسە بۇنىڭ بەلگىلىك ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقى ۋە بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەنلىكى يېزىلغان.

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جەن ساكى بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. جەن ساكى يىغىن ھەققىدىكى ئاساسلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئاق سارايدىن تارقىتىلغان رەسمىي يازما باياناتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى كۆپرەك خۇسۇسىي ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئاقساراينىڭ باياناتىدىمۇ دىگىنىمىزدەك ئىككى سائەتلىك يىغىندا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز يىغىندا ئامېرىكانىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ مەيدانىنى بىرمۇ-بىر قارشى تەرەپكە يەتكۈزدۇق. بىز يەنە بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرىمىزنى، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىمىزنى دېدۇق. بىز يىغىندا يەنە خىتاي تەرەپكە رۇسىيەنى قوللىسا قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى يەتكۈزدۇق.»

جېن ساكى يىغىن ھەققىدىكى باشقا ھېچقانداق تەپسىلات ئۈستىدە توختالمىدى. ئۇ ھەتتا بىر مۇخبىرنىڭ «يىغىندا خىتاي رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى تاجاۋۇزچىلىق، دېدىمۇ؟،» دېگەن سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ «خىتاي رۇسىيەنى ئۇ تەلەپ قىلغان ياردەملەر بىلەن تەمىنلەپتىمۇ؟»، دېگەن سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

كۆزەتكۈچىلەر ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئېلان قىلغان بايانلىرىدىن بۇ يىغىندا كۆپ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ خىتايدىن كۈتكەن جاۋابنى ئالالمىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىز كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنى ئاڭلىتىمىز.