جوۋ بايدېن ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئېكران سۆھبىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتشكە يەتمىگەن

0:00 / 0:00

28-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېكران ئارقىلىق كۆرۈشكەن ئىدى.

مەزكۇر ئۇچرىشىش يېقىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىمۇ قاتتىق جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋىرىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننى تەيۋەن مەسىلىسىدە «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردىن قارىغاندا شى جىنپىڭ بايدېنغا ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تاقىشىدىغان مەسىلىلىرىگە ئارىلاشماسلىقنى ئەسكەرتىپ: «ئوت بىلەن ئوينىسىڭىز ئۆزىڭىزنى كۆيدۈرۈۋالىسىز. مەن ئامېرىكانىڭ بۇ توغرىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بۇ نۆۋەت ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبىدىن قاتتىق يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، ھەربىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى مۆلچەرلەنگەنىدى.

ئاقساراينىڭ بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىدىكى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق» ھەققىدىكى سۆزىگە جاۋابەن قىلغان سۆزىدە «ۋاشىنگتوننىڭ، تەيۋەننىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش ياكى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر تەرەپلىك ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر چىققان بولسىمۇ، بىراق بۇ دەلىللەنمىگەنىدى. نەنسىي پېلوسى خانىم 29-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان سەپىرىنى باشلايدىغان بولۇپ، نەنسىي پېلوسى خانىم 29-ئىيۇل جۈمە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ بۇ سەپىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «مەن ئەزەلدىن ساياھىتىم ھەققىدە كۆپ سۆزلىمەيمەن. چۈنكى بۇ مەن ئۈچۈن ۋە مەن بىلەن بىرگە يولغا چىققان دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە باشقا خىزمەتداشلار ئۈچۈن خەتەرلىك» دەپ جاۋاب بەرگەن.

«ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكېل سوبولىك (Michael Sobolic) رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆزىدە نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ خەتەرگە قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: «ھازىرقىدەك بىر پەيتتە، ئاۋام پالاتا رەئىسى پېلوسى تەيۋەننى چوقۇم زىيارەت قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنىڭ بەلگىلىك خەتىرى بار، بىراق بۇ خەتەر بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەت پىلانلىرىغا چەكلىمە قويۇشىغا ماقۇل دەپ قاراپ ئولتۇرۇشنىڭ خەۋپى ئالدىدا ھېچ نەرسە ئەمەس. بىز شى جىنپىڭگە ئامېرىكانىڭ تەيۋەن سىياسىتىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بەرمەسلىكىمىز كېرەك».

گەرچە نەنسىي پېلوسى خانىم تەيۋەنگە بارىدىغان-بارمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئاللىقاچان نەنسىي پېلوسى خانىمغا تەھدىت سېلىشنى باشلىۋەتكەن. خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى بولسا دەرھال بىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ «پېلوسى كىشىلەرنى ئېزىقتۇرۇپ، تەيۋەننى ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بۇنداق يوشۇرۇن ھىيلە-مىكىرنى مۆلچەرلەش ھەقىقەتەن تەس، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي بولغۇسى زىيارەتكە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بىز پېلوسى پەيدا قىلغان غايەت زور خەتەرنىڭ چوقۇم ئۆزىگىمۇ يېـتىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. بۇ پەقەتلا قەتئىي ۋە ئېنىق پوزىتسىيە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۈچلۈك ۋە كونكرېت ھەرىكەت پىلانىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ».

مەزكۇر گېزىتنىڭ سابىق مۇھەررىرى ۋە ھازىرقى تەكلىپلىك يازغۇچىسى خۇ شىجىن «ئەگەر ئامېرىكا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى پېلوسىنىڭ ئايروپىلانىنى قوغداپ تەيۋەنگىچە بارسا، ئۇ ھالدا بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ پېلوسىنىڭ ئايروپىلانى ۋە ئامېرىكانىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىشتەك ئۇسۇللار بىلەن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش ھوقۇقى بار، ئەگەر بۇلار ئۈنۈم بەرمىسە، ئۇلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش كېرەك» دەپ جار سالغان.

ئامېرىكادىكى گوردون چاڭ قاتارلىق خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىلىرى بولسا تىۋىتتېردىكى ئىنكاسلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا ۋە ئامېرىكانىڭ ئەمەلدارلىرىغا قارىتىۋاتقان بۇنداق تەھدىتلىرىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ بۈگۈن تىۋىتتېردا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن:

«خىتاي كومپارتىيەسنىڭ زۇۋانى بولغان ‹يەرشارى ۋاقتى› گېزىتى پېلوسىنىڭ ئايروپىلانى تەيۋەننى زىيارەت قىلسا ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلىپتۇ. پرېزىدېنت بايدېن پېلوسىنىڭ زىيارىتىنى تولۇق قوللىشى كېرەك. ئاجىز بولماسلىقى كېرەك. بېيجىڭدىكى ئۇششاق زومىگەرلەرنىڭ ۋە مۇستەبىتلەرنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنماي، تەيۋەندىكى ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرنى قوللىشى كېرەك».

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن بولسا بۈگۈن يەنى 29-ئىيۇل كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىر نەق مەيدان تارقىتىشىدا قىلغان سۆزىدە نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ دەلىللىشىچە نەنسىي پېلوسى تەيۋەنگە بارىدۇ. ھەتتا زىيارىتىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە بارىدۇ. دەسلەپكى كۈنلەردە ياپونىيە ۋە كورېيەنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ. قىسقىسى ئۇ تەيۋەنگە بارىدۇ. بايدېن ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەمۇ ئۇنىڭ سەپىرىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. خىتاي تەرەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىز ئالدىمىزدا ۋەزىيەتنىڭ يەنە قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىراق پېلوسى خانىم بۇ نۆۋەتلىك زىيارەتنى ئۆزىنىڭ تەيۋەننى ئاۋام پالاتا رەئىسى سۈپىتى بىلەن زىيارەت قىلىدىغان ئاخىرقى پۇرسىتى دەپ قارايدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خەۋەر چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي تەرەپ شەنبە كۈنى فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭتەن رايونىدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، پىڭتەن تەيۋەن ئارىلىدىن 125 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن.

گەرچە، پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتتە تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبىدىن قاتتىق يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، ھەربىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا بۇ سۆھبەتنىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىشتە بەك چوڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپڭغا يەنە قانداق نۇقتىلارنى تەكىتلىگەنلىكىنىڭ تەپسىلاتى تېخى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارە ئەمەس.