ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئاقسارايدىكى ھېيتلىق زىياپەتتە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خانىمى جىل بايدىن 2- ماي، يەنى روزى ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاقسارايدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس تەبرىكلەش زىياپىتى بەرگەن. زىياپەتكە ئامېرىكادىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ھەرقايسىي ساھەلەر ۋە جامائەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دېپلوماتلىرى قاتناشقان. مەزكۇر زىپايەتكە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ زىياپەتكە ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن زىبا مۇرات تەكلىپ قىلىنغان.

زىياپەتتە پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ ئامېرىكادىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلەپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا دىنلار ئارا چۈشىنىش، كەڭ قورساقلىق ۋە ھەمكارلىقنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ھەر ساھەلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئامېرىكانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئامېرىكادىكى كۆپ خىللىققا، رەڭدارلىققا تولغان مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئالاھىدە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بىر توپلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

پرېزىدېنت بايدىن روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى كۈندە بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھېچكىم ئېزىلگەنلەرنى كەمسىتمەسلىكى، ھېچكىم دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن بېسىمغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ مۇقەددەس بايرامنى تەبرىكلىيەلمىگەن ئۇيغۇرلار، روھىنگالار قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى ئەسلىمەكتىمىز، شۇنداقلا ئاچارچىلىق، زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشلاردا ئازاب تارتىۋاتقانلارنى ئەسلەيمىز!»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاقساراينىڭ ئەنئەنىسى بولغان بۇ ھېيتلىق زىياپەتكە زىبا مۇرات تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ زىياپەت ئارقىلىق پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشىغا شارائىت يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

Nury-Ziba.jpg
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە زىبا مۇرات خانىم ئاقسارايدىكى روزى ھېيتلىق تەبرىكلەش زىياپىتىدە.

نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ جوۋ بايدېن بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ سەمىمىي بولغانلىقىنى، پرېزىدېنتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دوكلاتلاردىن ئاڭلىغاندىن كۆرە، ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ ئاڭلىغانلىقىنىڭ تەسىرى زور بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەم پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ نۇتۇقىدا ھەم شۇنداقلا زىبا مۇرات بىلەن بولغان سۆزلىشىش جەريانىدا ئاڭلىتىلىشىنىڭ مۇھىم بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن مەزكۇر زىياپەتتە نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى ھەققىدە ئۇزۇن توختالغان. ئۇ بۇ دۆلەتتە تىرىشسىلا ھەرقانداق ئورۇنغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، كەلگۈسىدە مۇسۇلمان جامائىتى ئارىسىدىنمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىنى، كۆپ خىللىقنىڭ، كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆز - ئارا ھەمكارلىقنىڭ ئامېرىكانى ئامېرىكا قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھچىم قىممەت قاراشلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

زىبا مۇرات پرېزىدېنت بايدېن يوقىرىقى سۆزلەرنى قىلىۋاتقان مىنۇتلاردا، ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرىنى كېسەللەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئاپىسى گۈلشەن ئابباس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۇتقۇندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئازاب ئىلۆىدە ئەسكە ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە بېشىغا تۈرلۈك كۈلپەتلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ دەۋانى ھەرگىزمۇ توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«ئاكسىيوس خەۋەرلىرى» نىڭ 3- ماي كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە گۈلشەن ئابباس خانىم ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايدىن سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گىرىنفىيىلد خانىم يېقىندا خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەر باش ئەلچى لىندا توماس گىرىنفىيلد خانىمنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار «ئاكسىيوس خەۋەرلىرى» گە بەرگەن باياناتىدا، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قىلىۋاتقان چىگرا ھالقىغان بېسىمىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

«ئاكسىيوس خەۋەرلىرى» نىڭ باھالىشىچە، باش ئەلچى لىندا توماس خانىمنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا گۈلشەن ئابباس خانىمنى بىۋاستە سۈرۈشتۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىدەك بىر سېگنالنى بېرىشـتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.