ئامېرىكانىڭ سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە ئېچىلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» گە قاتنىشىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكاغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ بۈگۈن يەنى 15-نويابىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن كۆرۈشتى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىنىڭ ئالاھازەل 3 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئاخبارات باياناتى بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن خىتايغا قويغان سودا جازا تەدبىرلىرى ۋە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئامېرىكادا ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدەك ۋەقەلەردىن كېيىن قاتتىق يىرىكلەشكەن. ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا دۇنيادىكى جىددىي مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى قانداق بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر نۇقتا بولۇپ قالدى.
ئاقسارايدىن بېرىلگەن باياناتلاردا ئامېرىكانىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە قاناللىرىنىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىش شەكىلدە بىرتەرەپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى دېيىلگەنىدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاقساراينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بايدېننىڭ بۇ يىغىندىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بەرگۈسى بىر تۇيۇقسىز ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىختىلاپلىرىنى كونترول قىلغان ھالدا بىرتەرەپ قىلىش ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە دىئالوگ قاناللىرىنى ئوچۇق تۇتۇش تىرىشچانلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولسىمۇ، بىراق ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى مۇزېيىنىڭ خىتاي تەتقىقاتلىرى بۆلۈمى مۇدىرى، دوكتور ئادرىيان زېنز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ئامېرىكانىڭ مەزكۇر پوزىتسىيەسىنى «سۇيىئىستېمال قىلىشى مۇمكىن» دەيدۇ. ئۇ، كۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كونترول قىلىش شەكىلدە بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن دىئالوگ يولىنى قوللىنىشى توغرا بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن. خىتاي ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى سۆھبەت تەلىپىنى نەچچە قېتىم رەت قىلدى. دېمەك، خىتاي ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئەمەس بەلكى ئۇنى كوزىر قىلىپ ئىشلىتىشنى كۆزلەيدۇ. ئامېرىكا بۇ يىل خىتاي بىلەن دىئالوگنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئىككىنچى پىلانغا قويدى، شۇڭا مەن بۇ يىغىننىڭ بەدىلىنى ئېغىر بولدى، دەپ قارايمەن».
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بۇ ئۇچرىشىشتا كىلىمات مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز، ئىسرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشىنىڭ رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ سۆزلىشىدىكەن.
خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىسى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى دوكتور سوفېي رېچاردسوننىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ئەسلىدە ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جىددىي ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولسىمۇ بىراق ئۇنى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ھەل قىلىمەن دېيىش كىشىگە ئىشەنچ بەرمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەلۋەتتە، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن كىلىمات مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى قوللىنىشچان، ئەمەلىي ۋە كېلەچىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىغان مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىشىنى تامامەن توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ دېگەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىگە بېرىپ تاقىشىدىغان بىر ئىش. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە خىتايدەك ئۆز پۇقرالىرىغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغان، نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئۆزى قول قويغان كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلمىغان، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن ۋاقتىدىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بۇنداق ھاكىمىيەتكە يەنە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ بۇ يەردىكى ئەڭ زور مەسىلە بولسا بېيجىڭدىكى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ تۈپتىن ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقىدۇر».
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەندىشىلىرى ئىچىدە ئىككى دۆلەت رەھبىرى بۈگۈن سان-فىرانسىسكو ۋاقتى ئەتىگەن 10دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە بىر ئارىغا كەلگەن بولۇپ، پرېزىدېنت بايدېن بىلەن ئۇنىڭ ھەيئىتى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەيئىتىنىڭ ئاخباراتقا يوپۇق يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ رەھبىرى ئاخباراتقا ئوچۇق ھالدا كۆرۈشۈش نۇتقى سۆزلىدى. ئالدى بىلەن پرېزىدېنت بايدېن سۆز قىلىپ، «شى ئەپەندى سىزنى قايتا كۆرگىنىمدىن خۇرسەنمەن» دەپ سۆزىنى باشلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «مەن سۆھبىتىمىزنى ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن. يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ، ھېچقانداق خاتا چۈشىنىشىش بولماي تۇرۇپ بىۋاسىتە سۆزلىشىش ئۆز ئارا ئېنىق چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىز رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز ۋە ئۇنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىدارە قىلىشىمىز كېرەك».
ئارقىدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ ئامېرىكا-خىتاي ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ «تىنچ بىللە ياشاش» ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە «ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۆتكەن 50 يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ھەمىشە مەلۇم خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىمۇ ئەمما داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى» دېدى.
ئۇ يەنە: «خىتاي ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئىككى چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈش تاللاش ئەمەس. يەرشارى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك، بىر دۆلەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى يەنە بىر دۆلەتنىڭ پۇرسىتىدۇر» دېدى.
ئىككىيلەننىڭ قارشى ئېلىش نۇتقى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىغىننىڭ ئاخباراتلارغا يېپىق قىسمى باشلاندى. بۇ يىغىننىڭ ئالاھازەل 3 سائەت داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
گەرچە بۇ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشقان بولسىمۇ، بىراق ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون كېربىي بۇنىڭ بايدىننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى چەتكە قايرىپ قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇ يىغىندىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «پرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىڭ» دېگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە ئامېرىكانىڭ تەيۋەننىڭ ئۆزىنى-ئۆزى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇلار مەتبۇئات باياناتى بېرىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە زادى نېمىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى ئالدىمىزدىكى سائەتلەردە تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.