جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سىن ئارقىلىق سۆھبەتلىشىىشنىڭ نەتىجىسى نېمە بولدى؟

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-نويابىر كۈنى كېچىدە سىن ئارقىلىق كۆرۈشكەن. 3 يېرىم سائەت داۋام قىلغان بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئاخباراتلارغا تارقىتىلغان باشلىنىش قىسمىدىن مەلۇم بولۇشىچە ھەر ئىككى رەھبەر بىر-بىرىنى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە ھەتتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پرېزىدېنت جوۋ بايدېننى «كونا دوستۇم» دەپ ئاتىغان.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى ۋەيران قىلىشى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشىدەك بىر قاتار سەۋەبلەردىن كېيىن قاتتىق يىرىكلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشتا قانداق سۆھبەتلەر بولىدىغانلىقى، نېمە دېيىلىدىغانلىقى كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغانىدى.

ئاقساراي بۇ ئۇچرىشىشتا بولۇنغان سۆھبەتلەر ھەققىدە تارقاتقان رەسمىي باياناتىدا مۇنۇلارنى دېگەن: «ئىككى رەھبەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپ ماھىيىتىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىلگىرىكى سۆھبەتلەردە بولغىنىدەك بۇ سۆھبەتمۇ بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىز ماس كېلىدىغان ساھەلەرنى ۋە شۇنداقلا مەنپەئەتىمىز، قىممەت قارىشىمىز، كۆز قارىشىمىز پەرقلىنىدىغان تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى».

ئاقساراينىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدىن سۆھبەتتە ئامېرىكانىڭ ئۆز مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە 21-ئەسىردىكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئەركىن، ئوچۇق ۋە ئادىل بولغان خەلقئارالىق سىستېما بويىچە ئالغا بېسىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئاقساراينىڭ باياناتىدا بۇ ھەقتە «پرېزىدېنت بايدېن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى قىلمىشلىرى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېيىلگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان ئۇچۇردىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ يىغىندىكى سۆزىدە: «خىتاي دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن.

پرېزىدېنت بايدېن تەيۋەن مەسىلىسىدە توختالغاندا، ئامېرىكانىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى، ئەمما تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسا، شى جىنپىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن: «ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەر ھەددىنى ئاشسا، ھەتتا قىزىل سىزىقتىن بۆسۈپ ئۆتسە، بىز چوقۇم تەدبىر قوللىنىمىز» دېگەن.

ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان يىغىندىن كېيىن بىرەر كونكرېت قارار ياكى نەتىجە ئېلان قىلىنمىغان.

ئامېرىكادىكى «راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور سىكوت ھېرولد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىندىن بەك چوڭ نەتىجە چىقمىغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ يەنە ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلاردىن قارىغاندا بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنلىرى ئىنتايىن پىلانلىق بولغان. پرېزىدېنت جوۋ بايدېن يىغىننىڭ باشلىنىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مەسئۇلىيىتىدىن سۆز ئاچقان بولسا ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى، تىبەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى تەھدىتنى تەنقىدلىگەن. ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ كۆپرەك ئامېرىكا بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى كەينىگە تاشلاپ، يېڭى سەھىپە ئاچقاندەك بىر تەسىر بەرمەكچى بولغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بولسا ئىككى دۆلەت ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر دىئالوگ ئۆتكۈزدى، بۇنداق دىئالوگلارنى ئۆتكۈزۈش مۇھىم، دېگەنلەرنى ئىپادە قىلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ يىغىندىن كونكرېت نەتىجە چىقماسلىقىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ».

ئامېرىكا – خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئاقساراي ئالدىدا نامايىش قىلىپ، پرېزىدېنت جوۋ بايدېندىننى بۇ يىغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنى جازاغا تارتىشنىڭ پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئاقساراي باياناتىدا جوۋ بايدېننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالغانلىقى دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قاتارلىق ئاتالغۇلارنى قوللانغان-قوللانمىغانلىقى ئېنىق بولمىغاچقا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 16-نويابىر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدىكى سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ بىرى كىشىلىك ھوقۇق تېمىسى بولغان. ئامېرىكا تەرەپ ھېچ بولمىغاندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ياخشى. ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى دەپ ئاتىغانىدى. . . ئەمما ئامېرىكا تۈنۈگۈنكى يىغىنغا ئائىت ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتتا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنمايلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئومۇمىي پىلانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسونمۇ جوۋ بايدېننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سۆزىنى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارىغان. ئۇ بىزگە بۇ ھەقتە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دەپ يازغان:

«ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان پىلان – لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويماي تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى ئاددىيلا تىلغا ئېلىپ قويۇش كىشىلىك ھوقۇق كۈن تەرتىپىگە خىيانەت قىلغانلىقتۇر».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇچرىشىىشتىن بۇرۇن قىلغان چاقىرىقىدا جوۋ بايدېننىڭ ئۇچرىشىىشتا ئەگەر زۇلۇم قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ئوچۇق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، بۇ ئۇچرىشىىشنىڭ خىتاينى يەنىمۇ جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ خاتالىقىنى ئېيتقانىدى.

دوكتور سىكوت ھېرولدنىڭ قارىشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار بولسىمۇ بىراق بۇ ئۇچرىشىشنى نوقۇل بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن مۇرەسسە قىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قاراشقا بولمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەنچە بۇ ئۇچرىشىش ئارقىلىق بايدېن ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق دىئالوگ قاناللىرىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى، ھەرۋاقىت سۆھبەتكە تەييارلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىلگىنىڭىزدەك، دۇنيامۇ ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. خىتاي ھە دېسە، ئامېرىكانى‹ئامېرىكا سوغۇق ئۇرۇش مەنتىقىسى بويىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ، ھىندى – تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئەمەس تۇرۇپ، رايون ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ› دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە خىتايغا ۋە خەلقئاراغا ئامېرىكانىڭ ھەرۋاقىت دىئالوگقا تەييارلىقىنى، ئۆز قىممەت قاراشلىرىدىن ۋە مەنپەئەتلىرىدىن مۇرەسسە قىلماي تۇرۇپ دىئالوگ قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلماقچى بولغان، دەپ قارايمەن. يەنە بىر تەرەپتىن، بايدېن ھۆكۈمىتى تېخى بىر كۈن ئاۋاللا ھۈل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قانۇنىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەنتەنە قىلدى. شۇڭا ئۇ مۇشۇ پەيتنى خىتاي بىلەن ئالاقە قۇرىدىغان ياخشى ۋاقىت دەپ قارىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن».

دەرۋەقە، ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتۈپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ پات يېقىندا خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى تېخى رەسمىي چىقارمىغان بولسىمۇ، ئەمما پرېزىدېنتقا يوللىنىدىغان رەسمىي تەۋسىيە تەييارلىنىپ يوللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن رەسمىي تەستىقلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.