بىلال ئۇيغۇرنىڭ 438 كىلومېتىرلىق «ئەركىنلىك مارشى» 4-ئىيۇل كۈنى تورونتو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدىن باشلىنىپ 15 داۋام قىلغان. ئۇنىڭ سەپىرى كانادادىكى يەرلىك مەتبۇئاتلار ۋە خەلقئارا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا زور قىزىقىش قوزغىغان ئىدى.
ئۇ 21-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يالغۇز كىشىلىك سەپەرنى باشلىشىدىكى سەۋەبى، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە بەرمەكچى بولغان سىگنالى ۋە سەپەر جەريانىدىكى كەچمىشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
بىلال مۇنداق دېدى: «بۇ يۈرۈشنى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلىغان ئىدىم. بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان سەۋەب بىر تىبەت ئاغىنىمىز نىئاگارا شاقىراتمىسىدىن تورونتوغىچە ئون نەچچە كۈنلۈك بىر سەپەر باشلىغان. ئۇلارنىڭمۇ ھۆكۈمەتكە قارىتا ئۆزلىرىگە خاس بىر قانچە تەلەپلىرى بولغان ئىكەن. مەن ئاخىرىقى بىر كۈنى ئۇ دوستۇمىز بىلەن بىرگە مېڭىشىپ بەردىم. شۇ كۈنى پاراڭلىشىش جەريانىدا مەندىمۇ شۇنداق بىر خىيال پەيدا بولدى. بىزمۇ شۇنداق بىر ئىش قىلىپ باقساق بولىدىكەنغۇ، دېگەن ئوي بىلەن كاللامدا تورونتودىن ئوتتاۋاغا مېڭىش پىكىرى تۇغۇلدى.»
مۇخبىر: بۇ سەپەرنى ئويلاشقاندا نېمىنى نىشان قىلىپ باشلىغان ئىدىڭىز؟
بىلال: ئەڭ دەسلەپتە ئويلىغاندا ئۇيغۇرلارغا تەشۋىق قىلىش، ياشلارنى جىقراق ئويغىتىش، ئاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى كاناداغا ئەكىلىش مەسىلىسىمۇ بار ئىدى. كېيىن بىز تېخىمۇ ئىنچىكە ئويلىشىش ئارقىلىق بۇنىڭغا كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەنكى قارارىدىن بۇيان ھازىرغىچە كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا دائىر ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدى. شۇنىڭ بىلەن گۇرۇپپىمىز مەسلىھەت قىلىپ، 4 چوڭ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇخبىر: بۇ تۆت چوڭ تەلەپ دېگىنىڭىز قايسى تەلەپلەر؟
بىلال: بۇ تۆت چوڭ تەلەپنىڭ بىرىنچىسى، كانادا پارلامېنتى ئالغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ئىككىنچىسى، كانادا ھۆكۈمىتى بۇ قارارغا قارىتا رەسمىي ھەرىكەت قوللىنىش. ئۈچىنچىسى، كانادا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چەكلەشنى قارار قىلىش، كانادا تەنھەركەتچىلىرىنى قىشلىق ئولىمپىكقا ئەۋەتمەسلىك. تۆتىنچىسى، ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىسى. كانادا چوڭ كۆچمەنلەر دۆلىتى. ھازىرقى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بار. كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىمۇ كاناداغا ئەكىلىشنى تەلەپ قىلدۇق.
مۇخبىر: ئەڭ ئاخىرىقى پاللىگە يېتىپ كېلىشىڭىز قانداق بولدى؟ ئوتتاۋاغا كىرىشىڭىز، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئالدىغا بېرىشىڭىز قانداق بولدى؟ ئىگىلىشىمىزچە، سىزنى ھەرقايسى شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار كۈتۈۋالغان ئىكەن. بۇ توغرىسىدا بىر ئاز توختالغان بولسىڭىز؟
بىلال: ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى بەك ھاياجانلىق بىر كۈن بولدى، دەپ ئويلايمەن. ئەسلى بىز 11:00 ياكى 11:30 لاردا يېتىپ بېرىشنى پىلانلىغان. لېكىن قېرىنداشلار ھەر قايسىي جايلاردىن كېلىدۇ، بەزىلىرى 7 سائەت يول يۈرۈپ كېلىدۇ، يىراقلىرى ۋېنزور، لوندوندىن، ھەتتە مونتېرىيالدىن كەلگەن قېرىنداشلار بار. مەن كېلىشتىن بۇرۇن نامايىشنى باشلاپ بولغان ئىكەن.
بىلال مالىك ئۇيغۇر سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇ سەپىرى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» توغرىسىدىكى يەتكۈزمەكچى بولغان سىگنالنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر «ئەركىنلىك مارشى» نى ئۇيغۇر مارافون يۈرۈشىدىكى «باشلانغۇچ پەردىنىڭ ئېچىلىشى» دەپ قارايدىكەن.