بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى راھىلە داۋۇتقا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن

0:00 / 0:00

14-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيەدىكى بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى (Université Libre de Bruxelles)دا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇراسىمدىكى پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەنلەرنىڭ قاتارىدا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى 12-ئايدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، پىروفېسسور راھىلە داۋۇتمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن.

بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە يېزىلغان مەلۇماتلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇنىۋېرسىتېتىمىز ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە سىياسىي ئىلىم قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى، خىزمىتى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆز دەۋرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەرنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى تەقدىم قىلدۇق.»

بىلگىيەدىكى بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى (Université Libre de Bruxelles) دا دوكتور راھىلە داۋۇتقا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمىنىڭ كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 14-دېكابىر، بىريۇسسېل
بىلگىيەدىكى بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى (Université Libre de Bruxelles) دا دوكتور راھىلە داۋۇتقا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمىنىڭ كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 14-دېكابىر، بىريۇسسېل (ۋانىسسا فىرەنگۋىللې)

پىروفېسسور راھىلە داۋۇت 2017‏-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنىدى. 2021-يىلى 6-ئايدا رادىيومىز ئۇنىڭ تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.

بۇ يىل 21-سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكادىكى «دۈيخۇا فوندى» (دىيالوگ فوندى) بىر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇمات ئاساسىدا دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ 2018-يىلى 12-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر كەلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغانلىقى ۋە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا راھىلە داۋۇتنىڭ دېلوسىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا تۇنجۇقتۇرۇلغان يەنە بىر سادا» دەپ كۆرسەتكەن.

بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋانىسسا فىرەنگۋىللې (Vanessa Frangville) خانىم، راھىلە داۋۇتقا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، راھىلە داۋۇت ۋە راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش قاماقتىكى باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. بۇ پەخرىي ئۇنۋان ئۇنى دەرھال ئەركىنلىككە چىقىرالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ئارىسىدا راھىلە داۋۇتقا بولغان تونۇشنى كۈچەيتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز تۇتقۇندىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز، لېكىن تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز!»

خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (English PEN) تەرىپىدىن 2023-يىللىق «خەلقئارالىق جاسارەتلىك يازغۇچى» بولۇپ باھالانغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ خىل خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىنىشلارنىڭ راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقنى تەكىتلىدى.

ۋانىسسا فىرەنگۋىللې خانىم ئاخىردا مۇنداق دېدى: «مەن تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان بارلىق مەھبۇسلار، لاگېر-تۈرمە تاملىرىنىڭ سىرتىدا ئۇلارنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى كۈتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلسىكەن، دەيمەن. مەن بىزنىڭ مۇشۇنداق ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ ۋە ئۈمىد بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنداق، بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز ئۇلارغا ئۈمىد بېرىشتۇر.»

11-دېكابىر كۈنى بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ۋانېسسا فىرەنگۋىللې خانىم مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېت پىروفېسسورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلھام توختىنىڭ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشىنى قوللىغان 180 كىشىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىملىق پەخرىي ئۇنۋان بېرىش تىزىملىكىدە ئىلھام توختىنىڭ يوقلۇقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.