23-سېنتەبىر كۈنى بېلگىيەدە «ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيە شۆبىسى، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە «مۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقمۇ قاتناشقان.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مىكە سكولىك خانىم، گېنت شەھەرلىك يەرلىك پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ھافسا ئەل باززانى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېلگىيە شۆبىسىدىن سىتژىن دېكلېرېك ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە گېنت شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، يەرلىك ئاخباراتچىلار، گېنت شەھەر ئاھالىلىرى، شۇنداقلا گېنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى «مۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ ۋەكىلى سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدە يېتەرلىك ئىنكاس بىلدۈرمەسلىك بىلەن غەرب دۇنياسىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە غەرب دۇنياسىنى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنى پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە تارتىشما قىلغاندەك، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ھېچقانچە سۆز قىلمايدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىزدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتۇق. مەن سۆزۈمدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىش چىقىش سەۋەبلىرى، ئۇيغۇرلار كىم، جازا لاگېرلىرىغا قانداق كىشىلەر قامىلاتتى، ئۇلار قۇيۇپ بېرىلدىمۇ، دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بەردىم. مەن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋە بىر مىللەت ئەمەسلىكىنى، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىسى، قەدىم-قەدىمدىن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا خانلىقلارنى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، ھۆر ياشاپ كەلگەن بىر خەلق ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن ئاڭلاتتىم».
قەلبىنۇر خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە ھەر خىل شەكىلدە ناھايىتى سىستېمىلىق، پىلانلىق ھالدا قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى؛ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر گۇناھىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغانلىقى ۋە شۇ زېمىننىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكى؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا سولاشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇلارنى ‹تەربىيەلەش› ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان بۇ خەلقنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئىكەنلىكى؛ لاگېرلاردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ پەقەت كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ياكى مېيىپ بولۇپ قالغاندا، ئاندىن قۇيۇپ بېرىلىدىغانلىقى ياكى ئۆلۈكىنى بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم».
قەلبىنۇر خانىمنىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن سۆزگە چىققان بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى مىكە سكولىك خانىم، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش جەريانى ۋە بۇ يولدا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن، بېلگىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ توغرىلىق تېخىمۇ دادىل ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى زۆرۈرلۈكىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ پارتىيەسى بولغان بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەكبەر ئەپەندى، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ بىرقانچە مۇھىم ئورگان تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى، پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى، بېلگىيەدە گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر يۈكسىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مىكە سكوۋلىك خانىم، بۇ قېتىملىق پائالىيەت ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئىنستگرام ھېسابىدا باھا يېزىپ، بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بېلگىيە پارلامېنتىدا ھەر ۋاقىت كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پائالىيەت ئاخىرىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېلگىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى سىتژېن ئەپەندى، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز مۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قېتىلىشى بىلەن بۇ يەردە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى گېنت شەھىرىدىكى سىياسەتچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەرگە تونۇشتۇردۇق. دەرۋەقە، بىز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختىماي سۆزلەۋاتىمىز ۋە ھۆكۈمەتلەرنى بۇ ھەقتە ئەسكەرتىۋاتىمىز. ئەمما بۇ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بىر تەرەپتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەت، يەنە بىر تەرەپتە قۇل ئەمگىكى ئارقىلىق سەمرىۋاتقان خىتاي مەۋجۇت. قانداق قىلىپ بۇ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالايمىز، شۇنداقلا ياۋروپا بازارلىرىدىن قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىيەلەيمىز؟ بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە. بۈگۈنكى قەلبىنۇر خانىمنىڭ بۇ گۇۋاھلىقى بۇ يەردىكى ئىنسانلارنى يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ، دېگەن ئۈمىدتىمەن».
بۇ قېتىملىق پائالىيەت ناھايىتى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار قەلبىنۇر خانىمنىڭ لاگېردىكى سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان. بۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەك تارقىتىلغان.