بېلگىيەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئەيىبلەندى

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 27-فېۋرال بىريۇسسېلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىشقا چاقىردى.

نامايىشقا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈشكەن يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشچىلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «فاشىست خىتاي» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىشچىلار يەنە، «خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات»، «ھەرگىز قايتىلانمىسۇن دېگەن قىرغىنچىلىق، شۇئان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پلاكاتلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا نامايىش ئېلىپ بېرىلغان ئورۇن ئەتراپىدىكى رېشاتكىغا خىتاي تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ توپ ۋە چوڭايتىلغان رەسىملىرى ئايرىم-ئايرىم ئېسىلغاندىن باشقا، ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىۋاتقان داڭلىق غەرب ماركىلىرى چۈشۈرۈلگەن بىر پلاكاتمۇ ئېسىلغان ئىدى.

نامايىشقا كۆك بايراقتىن باشقا يەنە، تۈرك بايرىقى، بېلگىيە بايرىقى ۋە كانادا بايراقلىرىمۇ ئېلىپ كېلىنگەن.

بېلگىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش سادالىرى كۈچىيىۋاتقان گوللاندىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان غەربىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرى.

25-فېۋرال گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن ھەپتە كانادا پارلامېنتىمۇ ئوخشاش قاراردىن بىرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.