«بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

چەت ئەلدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن نەشر قىلىنىۋاتقان تۇنجى تەبىئىي پەنلەر ئىلمىي ژۇرنىلى- «بىلىم-كۈچ» نىڭ 2-سانى يېقىندا ئەنقەرەدە بېسىلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2-سانىدا پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، ئۇيغۇر تەبىئىي پەن ئالىملىرى، مېدىتسىنا، بىئولوگىيە، يېڭى تېخنىكا، ئىنژېنېرلىق، فىزىكا، خىمىيە ۋە باشقا ئۇنىۋېرسال تېمىلىرىدا يېزىلغان 17 پارچە ئىلمىي ماقالىگە ئورۇن بېرىلگەن. مەزكۇر ژۇرنال ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، ژۇرنالنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلھەمىد قاراخان بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ كەسپىي مۇھەررىرى، ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى، ژۇرنالنىڭ 2-سانى ئۈچۈن ئەمگەك سىڭدۈرگەن تەتقىقاتچىلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ بۇ ساندا ئورۇن بېرىلگەن ماقالىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ساندا مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئەپەندىنىڭ ‹راك كېسىلىنى ئۈنۈملۈك داۋالاش توغرىسىدا›، ئامېرىكادىكى دوكتور مەمەت ئېمىننىڭ ‹بەدەن سىرتىدا تۆرەلمە پەيدا قىلىشتىن ھايۋان بەدىنىدە ئىنسان ئورگانلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە نەزەر›، دوكتور مايسارا پاشائوغلىنىڭ ‹ھېسداشلىق تۇيغۇسى ۋە مېڭىنىڭ ھېسداشلىق مەركىزى›، مەخمۇتجان لېتىپنىڭ ‹فىزىكىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق بارلىققا كېلىش مۇمكىن›، يۈسۈپجان ئىسمائىلنىڭ ‹ماتېماتىكىدىكى تەتۈر مەسىلىلەر ھەققىدە› ناملىق ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 پارچە ماقالىگە ئورۇن بېرىلدى.»

«بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان قانۇنىي ژۇرنال بولۇپ، يىلدا 2 سان چىقىرىلىدىكەن. دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدىكى مائارىپىنى چەكلىگەن، تەبىئىي پەن ژۇرناللىرى توختاپ كەتكەن بىر پەيتتە، چەت ئەلدە ئۇيغۇر تىلىدا مۇشۇنداق بىر ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىگىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ ژۇرنالنى چىقىرىش مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 9 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ئىدى. بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلىم-پەن توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنلىرى، دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئېچىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىپ كەلدۇق. بۇ قېتىم ‹بىلىم-كۈچ› ژۇرنىلىنىڭ 1-2-سانىنى نەشر قىلدۇردۇق. بىز ۋەتەندە توختاپ قالغان ‹بىلىم-كۈچ› ژۇرنىلىنى چەت ئەلدە داۋاملاشتۇرۇشنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەبىئىي پەنلەرنى ھەم پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ ژۇرنالنى چىقاردۇق. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ژۇرنال ئۈچۈن ماقالە ئەۋەتىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.»

ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر، چەت ئەلدە ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان «بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ تۈركىيەدە تەبىئىي پەندە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئوقۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇرچە تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

«بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ ئىككى سانىدا ئېلان قىلىنغان 36 پارچە ماقالە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبىئىي پەن بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەبىئىي پەن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا 1980-يىللاردىن باشلاپ «بىلىم-كۈچ» ناملىق ئۇنىۋېرسال ژۇرنال نەشر قىلىنغان بولۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ھالبۇكى، كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى بىلەن بۇ ژۇرنالمۇ نەشر قىلىنىشتىن توختىتىلغان ئىدى.