بىلىنكېن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئارقىلىق خىتايغا قانداق سىگنال بەرمەكچى بولدى؟
2024.04.24

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن 24-ئاپرېلدىن باشلاپ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. نۆۋەتتە، بىلىنكېننىڭ 24-ئايرىل شاڭخەيگە يېتىپ بارغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بىلىنكېننىڭ زىيارىتى بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بىر ئىزدا ساقلاش قېلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ رۇسىيە ھەربىي سانائىتىگە ياردەم قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش مەسىلىسىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىلىنكېن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى 22-ئاپرېل تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا ئالاھىدە تىلغا ئالغان. بۇ، بىلىنكېننىڭ ئامېرىكا ئالىي دىپلوماتىك ئەمەلدارى سۈپىتىدە خىتايدا 2-قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ۋە زىيارەت ھارپىسىدا خىتايغا ئېنىق تەنقىدلەردە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
ھالبۇكى، ئۇنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتى 2023-يىلى ئامېرىكانىڭ بىر خىتاي جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق زىيارىتى خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋەتلەرنى «تۇراقلاشتۇرۇشقا» قارىتىلغانىدى.
بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرى، ئۇنىڭ 19-ئايرىل ئىتالىيەنىڭ كاپرى ئارىلىدا، خىتاينىڭ رۇسىيە ھەربىي سانائىتىنى ھالقىلىق لاۋازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاساسلىق دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى «ياۋروپا سوغۇق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بېرى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت» نى ئۇلغايتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپلا قالماي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 22-ئاپرېل ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا باشلاندى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، زىيارەتتە بىلىنكېننىڭ خىتاينى رۇسىيە ئارمىيەسىگە بېرىۋاتقان ياردىمى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ «چوڭقۇر ئەندىشىلىرى» نى بىلدۈرىدىغانلىقى، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى «ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە» ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك باشقارمىسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى، باش ئەلچى روبېرت گىلكرىست 22-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا: «بىلىنكېن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلەردە قىلىپ كەلگىنىدەك، بۇ قېتىممۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ۋە ئەڭ ئېنىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ، بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتىن ئامېرىكانىڭ خىتايغا دۆلىتىگە بەرگەن «كەسكىن بىر سىگنالى» نى كۆرگەن. لېكىن روشەن ئابباس، بۇ «كەسكىن سىگنال» ئامېرىكانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشى، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي تەھدىتى، ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى زەھەرلىك دورا-فېنتانېل مەسىلىلىرىنىڭ ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالماسلىقى، ئۇنىڭ خىتايدا جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشنى «ئوچۇق ۋە كەسكىن تەلەپ» قىلىشىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 23-ئاپرېل ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بىلىنكېننىڭ زىيارەتتە «ئوتتۇرا شەرق، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك، رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى» ، ئۇنىڭ يەنە شى جىنپىڭ بىلەن بايدېن ئۆتكەن يىلى سان-فرانسىسكودا ئۇچراشقاندا دېيىشكەن «زەھەر قارشى ھەمكارلىق، ھەربىيلەر ئارىسىدىكى ئالاقە، سۈنئىي ئىدراك، خەلقلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋەدىلىرىنى ئىجرا قىلىشقا دائىر ئىشلار» نىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، بىلىنكېن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەتتا «ئۆز ئارا ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىكەن. »
لېكىن ئامېرىكالىق ژۇرنالىست، ئادۋوكات ۋە سىياسىي ئوبزورچى، «خىتاينىڭ يىقىلىشى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى گوردون چاڭ، زىيارەتتە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللىشى نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى، لېكىن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينى ئېغىر بەدەل تۆلەتمىگۈچە، خىتاي رۇسىيەنى ھالقىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. گوردون چاڭ 24-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينى ئېغىر بەدەل تۆلەتمىگۈچە، رۇسىيەنى ھالقىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بايدېننىڭ بۇنى توختىتىش كۈچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ كۈچىنى ھازىرغىچە قوللانمىدى.»
گوردون چاڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتمىگەن. بەلكى، رۇسىيەنى قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.»
گوردون چاڭ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك قانۇنى» غا ئاساسەن خىتاي بانكىلىرىنى جازالىشى، شۇنىڭدىلا بۇنىڭ چوڭ تەسىرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي بانكىلىرىنى ‹ۋەتەنپەرۋەرلىك قانۇنى› نىڭ 311-ماددىسى بويىچە ‹پۇل ئەتكەسچىسى› دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ دوللار بانكا ھېسابلىرىنى توختاتساق بولىدۇ. شۇ ئەھۋالدا بۇنىڭ چوڭ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۇ تەدبىرنى قوللانمىدى. بۇ، خىتايلاردا ئامېرىكا ‹جىددىي ئەمەس› دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىپ كەلدى.»
بۇنىڭ ئالدىدا «ۋول سچېرېت ژۇرنىلى» گېزىتى، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى خىتاي بانكىلىرىنى جازالىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن رويتېرسنىڭ 23-ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، بەزى خىتاي بانكىلىرىنى جازالاش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، ئەمما رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان بىر پىلان ھالىتىگە كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ ئەمەلدارنىڭ، دىپلوماتىيەنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتكە ئېھتىياج قالدۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكا بانكىلارنىڭ دوللارغا ئېرىشىشىنى چەكلەشنى كۆپ ھاللاردا ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن. «ۋول سچېرېت ژۇرنىلى» گېزىتى، قايسى خىتاي بانكىلىرىنىڭ نىشاندا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ خىل جازانىڭ قەرزى كۆپىيىپ، ئىقتىسادى ناچارلاشقان خىتاي ئۈچۈن بەك خەتەرلىك بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
گوردون چاڭنىڭ ئېيتىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن بېرى، خىتاينىڭ سىياسىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان. ئۇ، دوكلات ئېلان قىلىشنىڭ خىتايغا كۆرۈنەرلىك تەسىرى بولمىغانلىقى، خىتاينى پەقەت بەدەل تۆلەتكەندىلا بىر يەرگە بارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گوردون چاڭ: «سىز خىتاي كومپارتىيەسىگە دوستانە بولۇش ئارقىلىق ھېچيەرگە بارالمايسىز. سىز پەقەت خىتايغا جازا يۈرگۈزگەندە، ئۇنى بەدەل تۆلەتكەندىلا بىر نۇقتىغا بارالايسىز. ئەگەر سىز ئۇنى تەنقىدلىسىڭىز، بانكا، شىركەتلىرىنى چەكلىسىڭىز، كونسۇلخانىلىرىنى تاقىسىڭىز، ئاندىن بىر نۇقتىغا بارالايسىز. »
ھالبۇكى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىدىكى روشەن ئابباسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشى، ئۇ ئاغزاكى تەنقىدلەش ۋە دوكلات ئېلان قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىكەن. لېكىن بىلىنكېن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، «بېرمىدا روھىڭگا، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربان» ئىكەنلىكىنى، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چوڭقۇر ئەندىشىلىرىنى بۇنىڭغا جاۋابكار ھۆكۈمەتلەرگە داۋاملىق بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغانلىقى» نى ئېيتقانىدى.
بىلىنكېننىڭ ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بىراق ئۇنىڭ زىيارەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان ياكى كۆرۈشمەيدىغانلىقى ھازىرغا قەدەر ئېنىق ئەمەس.