ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 24-ئاپرېل شاڭخەيگە يېتىپ كېلىپ خىتايغا قاراتقان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغانىدى. بۇ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇشى.
بىلىنكېن شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەندە، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىنى كۈتۈۋېلىشتا، قىزىل گىلەم سېلىش ئادىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ۋە ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى دىپلوماتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى، خىتاينىڭ قەستەنلىك بىلەن دىپلوماتىيەدىكى «ئوڭايسىز كەيپىيات» نى ياراتقانلىقى مەتبۇئاتلاردا مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىغانىدى.
خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي سۇپىسى بولغان ۋېيبودا، بىلىنكېننىڭ ئىككىنچى قېتىم خىتايغا قىلغان زىيارىتى توغرىسىدىكى بايانلار چەكلىك بولۇپ، ئىنكاسلاردا ئامېرىكاغا قارشى ئاھاڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
بىر ۋېيبو ئابونتى: «ئەگەر سىز ئۈستەلنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بىز رۇسىيەگە قورال بىلەن ياردەم قىلىپ، كىمنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېگەن.
خىتايدىن تارقىتىلىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن X ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «بىلىنكېن شاڭخەيگە كەلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشكەندە قىزىل گىلەم يوقتەك ھېس قىلدى. گەرچە ئامېرىكا ئالدىن جامائەت پىكىرىنى تەييارلىغان بولسىمۇ، بۇ يەردە ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ‹ئۆتۈنۈش› دەپ قاراش كېرەك» .
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئىجرائىيە مۇدىرى، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەت پىروفېسسورى كېننىت روت بۇ زىيارەتنى باھالىغان ئىنكاسىدا: «ئەگەر بىلىنكېن بېيجىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى قارار قىلسا، نومۇسسىزلىق بولىدۇ، ئۇ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاشكارا تىلغا ئالمايدۇ» دېگەن.
چۈنكى بىلىنكېن خىتايغا زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
ئۇ شۇ كۈنى پىرېزىدېنت جو بايدېن تەيۋەننىڭ ھەربىي ياردىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، TikTok نىڭ ئانا شىركىتى ByteDance نى ئامېرىكادىكى تىجارىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.
بىلىنكېن خىتايغا يېتىپ كەلگەن كۈنى، شاڭخەينىڭ شەرق مەرۋايىت مۇنارى ۋە شاڭخەي دۇنيا پۇل-مۇئامىلە مەركىزى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە سىنلىق نۇتۇق ئېلان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا ۋەكىللىرى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى شاڭخەيگە يېتىپ كېلىپ، ئامېرىكا خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىشلىدۇق. ‹بۇلارنىڭ بىرى فېنتانىل، بىرىكمە ئەپيۈن، 18 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاساسلىق قاتىلى مەسىلىسى» .
پىرېزىدېنت بايدېن، شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا سان-فىرانسىسكودا كۆرۈشكەندە، شى فېنتانىل ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكاغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغانىدى.
بىلىنكېن فېنتانىل مەسىلىسىدە «مۇھىم ئىلگىرىلەش» نى تىلغا ئالغان. خىتاينى ئاساس قىلغان شىركەتلەر ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە زەھەر كىرىزىسى پەيدا قىلىۋاتقان، قانۇنسىز فېنتانىل ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ چوڭ خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ مەنبەسى دەپ قارالماقتا. بىلىنكېن بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەر چەكلەشتە دەسلەپكى ھەرىكىتى ئىجابىي قەدەم بولسىمۇ، ۋاشىنگتون داۋاملىق ۋە سىجىل تەرەققىياتنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 2024-يىلى 26-ئاپرېل بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئانتونىي بىلىنكېن سۆھبەتتە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنى قوللىغانلىقىغا ئېغىر ئەندىشە بىلدۈرۈپ، خىتاي رەھبەرلىرىگە ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ئىشقا جازا يۈرگۈزەلەيدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا رەقىب ئەمەس، بەلكى شېرىك بولۇشى كېرەك؛ بىر-بىرىگە ئازار بەرمەي، بىر-بىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرىش؛ رەزىل رىقابەتكە قاتناشماي، ئورتاق تونۇش ۋە زاپاس پەرقنى ئىزدەش كېرەك» .
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، شى جىنپىڭنىڭ خەلق سارىيىدا، بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئالدىدا، ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، جىم تۇرالمايۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن بىر كۆرۈنۈشى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە بەزى ئاخباراتلاردا ھەمبەھىرلەندى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بۇ ھال شى جىنپىڭنىڭ، ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى بىلىنكېن ئارقىلىق، ئامېرىكادىن ئۆزىگە كېلىدىغان بېسىم ۋە ئەيىبلەشلەرگە بولغان بىئاراملىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلىنكېننىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە ئۆتكە جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بەش يېرىم سائەتلىك ئۇچرىشىشتا، بىلىنكېن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى، خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيىتى ۋە ئېھتىياجى قاتارلىقلارغا بولغان ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشنى قوللىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان، چۈنكى خىتاي شىركەتلىرى رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنى مۇھىم زاپچاسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بىلىنكېن بېيجىڭ زىيارىتىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ رۇسىيەنى تەمىنلەش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن شى جىنپىڭغا ئېيتتىم، ئەگەر خىتاي بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، بىز ھەل قىلىمىز».
بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەنلىكى دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىدى.
ئۇنداقتا بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ زىيارەتنىڭ نەتىجىسى نېمە؟
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بىلىنكېنگە كۆرسەتكەن نازاكەتسىز ساھىبخانىلىقىنىڭ، ھېچقايسىسى ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بىلىنكېننىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تالاش تارتىش ئاستىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. شۇنداقلا ئۇ خىتاينىڭ راھەتسىز ئىنكاسنى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ غەلىبىسى دەپ قاراپ كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بىلىنكېننىڭ بۇ نۆۋەت خىتاي زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان ئىجابىي تەرەپلىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.
2024-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، 5 نېگىزلىك نۇقتىدا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى، CNN نىڭ-28 ئاپرېلدىكى تارقىتىشىدا داڭلىق مۇخبىر Fareed Zakaria نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى مات پوتتىڭگېر (Matt Pottinger) «خىتاي ئاللىقاچان ئامېرىكاغا قارىتا سوغۇق ئۇرۇش ئېلىپ بارماقتا» دېگەن. Zakaria نىڭ X ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن بۇ ئىنكاس، يۈز مىڭلىغان ئىشتىراكچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماتېۋ مىللېرنىڭ 26-ئاپرېلدىكى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، بىلىنكېننىڭ زىيارىتى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ سۆھبەتنى ساقلاپ قېلىش، ئوخشىماسلىقنى باشقۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.