ئانتونىي بىلىنكىن يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ئەركىنلىككە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.05.11
Blinken-Freedom-House.jpg ئامېرىكا «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 9-ماي، ۋاشىنگتون
AP

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ يىللىق ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكانىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن ئەركىنلىكنى چەكلەش ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ئۇ، 9-ماي كۈنىدىكى نۇتۇقىدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىلىرى بىر ياقتىن ئۇچۇرنىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە كەڭرى مەيدان ھازىرلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەر ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن تەقىبلەش ۋە باستۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ نۇتۇقىدا ھازىرقى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مۇھىم رىقابەت ئۈستىدە نوقتىلىق توختىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلىنكىن نۇتۇقىدا پەن-تېخنىكا پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەتنى 4 نۇقتا بويىچە چۈشەندۈرگەن بولۇپ، بىئو-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېن ئۇچۇرلىرى تېخنىكاسىنى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشتا قوللانغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «... بىئو-تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلەر ئىنسانلارنىڭ DNA سىغا ئاساسەن گېن ئارقىلىق كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە ئىنسانلارنى خورلاشنى ئاسانلاشتۇردى. بىز بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى، مەسىلەن، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەقىب قىلىشتا قوللانغانلىقىنى كۆردۇق. بىز يەنە تىبەتلەرنى كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ قوشۇمچە شەكلى سۈپىتىدە، تىبەتتىمۇ كەڭ كۆلەمدە DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.»

بىلىنكىن شۇ كۈنىدىكى نۇتۇقىدا پەن-تېخنىكانى قانداق يەردە قوللىنىشنىڭ ئۇنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پەن-تېخنىكانى ياخشى-يامان دەپ ئايرىغىلى بولمايدۇ، مەسىلە ئۇنى قانداق يەردە ئىشلىتىشتۇر» دېگەن. ئۇ يەنە پەن-تېخنىكانى مۇۋاپىق قوللىنىش، ئۇنى خەلقئارالىق نورما ئاساسىدا قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دىپلوماتىك ۋە باشقا قاناللار ئارقىلىق، پەن-تېخنىكانى ياخشىلىقنىڭ كۈچى سۈپىتىدە ئەڭ زور چەكتە كېڭەيتىشكە ۋە ئۇنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىشنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ.»

ئانتونىي بىلىنكىن ئەركىنلىك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە يەنە كۆزىتىش ۋە تەقىب تېخنىكاسىنىڭ كۆپىيىشى ھەمدە قالايمىقان ئىشلىتىلىشى، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇنداق تەقىبلەشلەر ژۇرنالىستلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارغا قارشى قوللىنىلماقتىكەن. دۇنيا مىقياسىدا 70 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت بۇنداق نازارەت تېخنىكالىرىنى سېتىۋالغان ئىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنداق تېخنىكالار ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ياردەم بەرگىلى، قانۇن ئىجرا قىلىشنى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، مۇھىت ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈچەيتىشكە بولىدىكەن. بىراق ئۇلارنى دۆلەت قانۇنى، خەلقئارا قانۇن ۋە مۇۋاپىق قانۇنىي ھوقۇق، كاپالەت ھەم نازارەت قىلىش بىلەن بىردەك ئىشلىتىش كېرەككەن.

شۇڭلاشقا ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىتىش تېخنىكاسىنى قانداق ئىشلىتىشنىڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم يامان غەرەزلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ تېخنىكا ئىمپورت قىلىشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن:

 «بىز يەنە بىر قىسىم يامان غەرەزلىك شىركەتلەرنى سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدۇق. بۇ تىزىملىك شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن مەھسۇلات ياكى زاپچاس كىرگۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىز بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرگە يۇمشاق دېتال ۋە باشقا تېخنىكىلارنى تەمىنلەيدىغان چەت ئەل شىركەتلىرىنى داۋاملىق تېپىپ چىقىمىز ۋە جازالايمىز.»

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن شۇ كۈندىكى نۇتۇقىدا يەنە تور ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھازىر ئىنتېرنېتنى تاقاش، چەكلىمە قويۇش ياكى ئۇنى نازارەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتنى تاقاش ۋە تەكشۈرۈش قىلمىشلىرى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، بۇمۇ خەلقئارا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم رىقابەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئانتونىي بىلىنكىن نۇتۇقىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل رىقابەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى شېرىك دۆلەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «بىز بۇ ئىشنى يالغۇز قىلالمايمىز. بىز ھەمكارلىققا موھتاج. بىز خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئىلمىي ساھەدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا موھتاج. بىز ئۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىز كېرەك. بىز دېموكراتىيەمىزنى كۈچەيتىش، قوغداش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ كۈرەشتىكى بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ھەمكارلىققا موھتاج» دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى 9-ماي كۈنى كونراد مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. «ئەركىنلىك سارىيى» بۇ يىللىق ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى رۇسىيە دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىستون يازغۇچىسى، تارىخچى ۋىلادىمىر كارا-مۇرزاغا ۋە ئىراندا مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشكەن ئاياللارغا تەقدىم قىلغان.

ئۇزۇندىن بۇيان پۇتىننىڭ رۇسىيەدىكى چىرىكلىكى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەپ كەلگەن كارا-مۇرزا ئالدىنقى ئايدا پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى تەنقىدلىگەنلىكى ۋە خەلقئارادىن ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.