«ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» نىڭ ئاتالمىش «مۇقىملىقنى قوغداش» رولى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 1954-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» ئادەتتە «مۇستەقىل كېنەزلىك»، «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت» دېگەندەك ناملار بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاساسى 1949-يىلى خىتاي گېنىرالى ۋاڭ جىننىڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەن خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 2-ۋە 6-دىۋىزىيەلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئەل بولغان قالدۇق قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان.

1954-يىلى «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋە ئۆزىنى-ئۆزى تەمىنلەش» دېگەن چىرايلىق ناملاردا قۇرۇلغان بۇ ئورگان، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ؛ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى ھوقۇققا ئىگە؛ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى دۆلەت تەرىپىدىن ئايرىم پىلانلىنىدۇ؛ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغداش» دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ ئورگانننىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشتا ئوينىغان رولى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەزگىلىدە ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ سوت-ئەدلىيە، تۈرمە قاتارلىق قانۇن تارماقلىرىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاتالمىش «مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى» بىلەن يېقىندىن تونۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بىڭتۇەننىڭ پارتىيە ۋە باج ئىشلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باشقۇرىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، ئىقتىساد، مالىيە قاتارلىق ساھەلىرىنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىۋاستە باشقۇرىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەر بىر دېۋىزىيەنى ئاساس قىلغان، ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ، قانۇن-ئەدلىيە، تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى، قۇراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق قۇرۇلمىسى مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2017-يىلى يەنە بىڭتۇەن قانۇن تارماقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت ئېلان قىلغان.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەمەلىيەتتە بىڭتۇەننىڭ دەسلەپ قۇرۇلغان مەزگىلىدىن باشلاپلا ھەر بىر دېۋىزىيەسىدە، ھەتتا پولكلىرىغا قەدەر ئۆز ئالدىغا ساقچى، قۇراللىق ساقچى، سوت، تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى قاتارلىق قانۇن ئورگانلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بەختىيار ئەپەندى يەنە ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» نىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنمىڭ ھەقىقەتەنمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەكىتلىگەندەك «ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇقىملىقنى قوغداش»، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ھەرقانداق نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھەركەتلىرىنى باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن 1990-يىلدىكى «بارىن ئىنقىلابى»، 1997-يىلى يۈز بەرگەن «غۇلجا 5-فېۋرال ۋەقەسى» قاتارلىقلارنى باستۇرۇشتا بىڭتۇەننىڭ ئوينىغان رولىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زور ئىكەنلىكىنى دەلىل-پاكىتلار بىلەن شەرھىيلىدى.