«بىڭتۇەن روھى»: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» تىن پارچىلاپ ئىدارە قىلىشقىچە

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئالاھىدە ئېتىبار قىلىش سىياسىتى» بويىچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەرقاچان بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاپتونومىيە» ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ھالبۇكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدون (Gardner Bovingdon) بۇنىڭدىن 20 يىلچە ئىلگىرى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى ئاپتونومىيە: خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ خوجايىنلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى» ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاپتونومىيەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بەكمۇ تەپسىلىي شەرھلەپ بەرگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاپتونومىيە» نامىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلىنىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن بۇ رايوندا بىر ئورتاق نارازىلىقنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ توغرىسىدا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەلىك مۇخبىر ماتىياس بولىنگېر (Mathias Bolinger) شۇ ۋاقىتتىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدا تەسىس قىلىنغان پەۋقۇلئاددە سىستېمىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى قات چەمبەر شەكلىدە سىستېما بەرپا قىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچكى چەمبەرگە، خىتايلار تاشقى چەمبەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى «شالاڭ سېپىل» شەكلىدە ئوراپ چىققان. شۇ سەۋەبتىنمۇ بىڭتۇەنلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئورۇنلاشقان جايلارغا قورشاۋ شەكلىدە ماكانلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتتا تاشقى دۇنياغا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ بىلىنىۋاتقان بۇ رايون چوڭ جەھەتتە ئىككى پارچىغا بۆلۈپ تاشلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى غۇلجا شەھىرىدە «شىمالىي شىنجاڭنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش» نەق مەيدان يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى ئىجرا قىلىش» ئۈچۈن «شىمالىي شىنجاڭ رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ زور بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم» دېگەن باش ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ باش نىشاننىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى ئىكەنلىكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» ھەققىدىكى شوئارلار بۇ قېتىمقى يىغىندا جانلىق نامايان قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۆزىگە خاس مۇكەممەل ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا ئىگە بولغان ئاساسلىق بىڭتۇەنلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئىلى، ئالتاي، چۆچەك، بۆرتالا قاتارلىق ۋىلايەت-شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رايونلارغا ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، بۇنىڭدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تېزدىن بايقاش ھەم ھەل قىلىشقا قولاي بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن «ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى رايونى»، «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى»، «شەرقىي شىنجاڭ رايونى» ۋە «شىمالىي شىنجاڭ رايونى» دېگەندەك تۆت رايونغا ئايرىغان ئاساستا يېزا ئىگىلىكى، سۇ بايلىقى، چېگرا ئېغىزلىرى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرىنى چىڭ تۇتقان ھالدا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» تا تېخىمۇ زور ئەمىلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ خىلدىكى «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» ئۇسۇلى توغرىسىدا سۆز بولغاندا جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد بۇنىڭدىكى بەزى نازۇك نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.

جېيمىس مىلۋارد: «ئەمەلىي جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئىككى خىل شەكىلدە نىقابلاپ كېلىۋاتىدۇ. بىرى، ‹تەرەققىيات› نامىدىكى تەشۋىقات بولسا يەنە بىرى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش ئۇسلۇبىدۇر. ‹تەرەققىيات› ئىشقا ئاشسا خىتاينىڭ بۇ رايوننى ئىدارە قىلىشىغا كېرەكلىك راسخوتى ئازىيىدۇ. ئادەتتە بۇ رايوندا ‹تەرەققىيات› ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭ تارىخى ئاز دېگەندىمۇ 1950-يىللاردىلا باشلىنىپ بولغان. ئەڭ يېقىنقىسىنى ئالساق 2000-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش› شوئارىمۇ بىر قېتىملىق ‹زور تەرەققىيات› سۈپىتىدە باشلانغان. بۇنىڭدا ئاشۇ رايوننىڭ بايلىقى قېزىلىدۇ ۋە زور كۆلەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بايلىق توشۇشقا لازىملىق بولغان بىرىنچى ئامىل قاتارىدا يول ياسىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قارىماققا يېڭى بىر تەرەققىياتنىڭ مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ. ‹بۆلۈپ ئىدارە قىلىش›قا كەلسەك بۇنىڭ شەكلى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن، خىتايدىكى مىللەتلەرنى 56 گە ئايرىش، ھەرقايسى رايونلارنى ئاپتونومىيەگە ئايرىش دېگەنلەر بىردەك بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى قارىماققا كۆپ خىللىققا يول قويغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭ ئارقىسىغا ئۇزۇن مەزگىللىك ئاسسىمىلياتسىيە يوشۇرۇنۇپ كەلگەن. مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بۇ خىل ھۆكۈمرانلىق ئۇسلۇبىدا ھەرقاچان تەرەققىيات بىلەن بۆلۈپ ئىدارە قىلىش بىر-بىرىنى تولۇقلاپ كېلىدۇ.»

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە سۆز قىلغان ما شىڭرۇي يىغىندا «شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، شەھەر نوپۇسى ۋە كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشۈپ مېڭىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. بولۇپمۇ ‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى قۇرۇلۇشى›نى كۈچەيتىش ۋە غەربكە كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەۋزەللىككە ئىگە» دېگەن. ئەمما مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن مەقسەدلەر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «شىمالىي شىنجاڭنى نۇقتىلىق ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش» شوئارى بەزى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەر بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «شىمالىي شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» نىڭ جان تومۇرى خىتاي نوپۇسىنىڭ يەرلىك خەلقتىن مۇتلەق ئېشىپ كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولۇپ، لاگېرشۇناس ئالىملاردىن ئادريان زېنز بۇنىڭ ھازىر تارىم ۋادىسىغا كېڭىيىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر زور قۇرۇلۇش بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۇنىڭدا «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» دېگەن نامدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتى ھېچ بولمىغاندا يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن باراۋەر نىسبەتكە يەتكۈزۈش باش نىشان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاي نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن شىمالدىكى ۋەزىيەتنى جەنۇبقا كېڭەيتىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن بىۋاسىتە پايدىلىق شارائىت ھازىرلايدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن بۇنىڭدىكى بەزى ئاچقۇچلۇق ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاجرالماس تەركىبى قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش ئۇرۇنۇشىدىن ۋازكەچمىگەن بولۇپ، پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە بۇھال چىڭ ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن تارتىپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىچە بولغان دەۋردە ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلغان. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن سىستېمىسى ئارقىلىق بۇ خىل «يۇغۇرۇلۇپ كېتىش» نىڭ ماددىي شارائىتىنى ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ ھال ئىزچىل تۈردە ھازىرمۇ «تەرەققىيات» نامىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۇ ھال قارىماققا راستىنىلا تەرەققىياتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدا ئاخىرقى ھېسابتا تەرەققىي قىلىدىغانلار باشقا رايونلار بولۇپ چىقىدۇ.

جېيمىس مىلۋارد: «قارايدىغان بولساق خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىن تارتىپ ‹تەرەققىياتقا نىشانلىق ياردەم بېرىش› دېگەن نامدا خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنى تاللاپ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەرلەر بىلەن جۈپلەپ قويدى. بۇنىڭدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى ئىدارە قىلىشقا بىۋاسىتە خىراجەت ئاجراتماستىن ئاشۇ ئۆلكىلەرنىڭ مالىيەسىدىن كىچىككىنە بىر قىسىمنى ئاجرىتىش ئارقىلىق ‹تەرەققىيات› نامىدا شىنجاڭدا تۈرلۈك سانائەت بازىلىرىنى كېڭەيتتى. ئەمما بۇنىڭدا ئۇلار ھېچقاچان يەرلىك خەلقنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ باققىنى يوق. ئەكسىچە، ئۆزلىرىنىڭ سانائەت رايونىنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. نەتىجىدە خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىنىڭ ‹سانائەت باغچە رايونى› نامىدىكى سىستېمىلاشقان ئ‍شىلەپچىقىرىش بازىسى قەشقەر ۋە باشقا جايلاردا كۆپلەپ قۇرۇلدى. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇ بولدىكى، خىتاي ئۆلكىلىرىنى شىنجاڭ بىلەن باغلاپ قويۇش ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرى شىنجاڭدا كېڭەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەجبۇرىي ئەمگەكمۇ مۇشۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئارقىلىق تېزدىن كېڭەيدى. شۇڭا قارايدىغان بولساق شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئومۇملاشقان زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇ خىلدىكى ‹نىشانلىق تەرەققىيات› قۇرۇلۇشىدىكى ھەمراھ ئۆلكە-شەھەرلەر بەرپا قىلىپ چىققان جايلاردا ئەمەلگە ئاشتى.»

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى «يېڭىچە تەرەققىيات» ئەندىزىسىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» شوئارى ئاستىدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ قانچىلىك ۋاقىت داۋام قىلىشى ھەققىدە بىر قاتار ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.