بىڭتۇەننىڭ 3 تىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەنلەرنى مۇكاپاتلاش قارارىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي مەقسەتلەر

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ «بىڭتۇەن گېزىتى» 9-ئىيۇن كۈنى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، بىڭتۇەن قارمىقىدا 3 ياكى 3 تىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغانلارنى مۇكاپاتلاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بەلگىلىمىسى چىقارغان.

بەلگىلىمىدە دېيىلىشىچە، بىڭتۇەن تەۋەسىدە 3 پەرزەنت ياكى ئۇنىڭدىن جىق پەرزەنت كۆرگەنلەرگە دوختۇرخانىدىكى تۇغۇش ۋە پەرزەنتلىرىنى داۋالاش ھەققى، يەسلى ھەققى قاتارلىقلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، خىزمەت ئورنىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يەر تەقسىماتى، ئۆي تەقسىماتى قاتارلىقلاردا ئېتىبار بېرىش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن ياردەم ئاجرىتىش قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەلۇمكى، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا 3 پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ بۇ بەلگىلىمىنىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى ئادۋوكات تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەندە يولغا قويۇلغان «3 تىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغانلارنى مۇكاپاتلاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بەلگىلىمىسى» ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

ئەمما ئۇ 3 پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلىغىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇنىڭ، يەنى خىتاينىڭ 3 پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى، نۆۋەتتە شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچقانداق تەسىرى يوق دېسەك بولىدۇ»، دېدى.

تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۇ سۆزىنى ئىزاھلاپ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىلگىرى ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، 2 پەرزەنتلىك، كېيىنچە 3 پەرزەنتلىك بولۇشنى يولغا قويدى. يەنى خىتاي دۆلىتى مىقياسىدىن ئېيتقاندا، بۇ بەلگىلىمە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان. چۈنكى خىتايدا نوپۇسنىڭ قېرىشى ئۇنىڭغا ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلدى. شۇڭا ئۇ خىتايدا ئەمگەك كۈچلىرىنى ياشلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئېھتىياجىدىن بۇ سىياسەتنى يولغا قويغان. ئەمما ئۇنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىش، مىليونلىغان ئادەمنى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازلىشىنى بۇ بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ ھەقتىكى تەتقىقات دوكلاتلىرىدىنمۇ قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، نوپۇسى شىددەت بىلەن ئازىيىپ كەتمەكتە».

تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۇ قاراشلىرىنى ئىزاھلاپ، ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر ئادرىيان زېنز تەرىپىدىن 2021-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىكى «2040-يىلغا بارغاندا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدە تۆت يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئېھتىمالى بار» دېگەن بايانلارنى نەقىل ئېلىپ ئۆتتى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادرىيان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» تېمىسىدىكى دوكلاتى 24-ئاۋغۇست كۈنى «تەيلور ۋە فرانسىس گۇرۇھى» باشقۇرۇشىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» ژۇرنىلىنىڭ 2021-يىللىق ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغانىدى.

ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى 20 يىلدا تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىرنەچچە مىليون تۆۋەنلەش بەدىلىگە خىتاي نوپۇسىنىڭ بۇ جايلاردىكى ئېشىش نىسبىتى 25 پىرسەنتكە يېتىدىكەن.

ئادرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەلىل-ئىسپات تەرىقىسىدە تەرتىپ بويىچە بېرىلگەن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەرەزلىك ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تەبىئىي كۆپىيىشتىن چەكلەۋاتقانلىقى نامايان بولىدىكەن. ئۇنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، رايوندا مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، لاگېرلارغا قاماش ۋە باشقا مىللەتلەرگە تويلاشتۇرۇش چارىلىرىنى ئىجرا قىلماقتىكەن. ناۋادا ئەھۋال مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلسا، 2040-يىلىغا بارغاندا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدە تۆت يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، 2017-يىلى ئۆزى دەرس ئۆتكەن لاگېردا قىز ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش، مەجبۇرىي دورا يېگۈزۈلۈش سەۋەبىدىن 18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان 80 پىرسەنتتىن %90 كېچە ئايالنىڭ ھېيىزى توختاپ كەتكەنلىكىنى، لاگېر سىرتىدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

قەلبىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «3 پەرزەنتلىك بولۇش، ھەتتا 3 پەرزەنتتىن كۆپ پەرزەنت كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش» سىياسىتى يولغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلمەيدىكەن، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نورمال ئېشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 پەرزەنتلىك بولۇش بەلگىلىمىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي نوپۇسى مەركەزلەشكەن بىڭتۇەندە مۇكاپاتلاش ۋە ئالاھىدە ئىمتىيازلار بەدىلىگە ئىجرا قىلىنىشىدا رايوندىكى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتەك سىياسىي مەقسەت ئاساسىي نىشان قىلىنغانىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان، لاگېرلارغا قامالغان ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەكسىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى نوپۇسىنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىڭتۇەننىڭ نوپۇسىنى كۆپەيتىش ھەققىدە مەخسۇس مۇكاپاتلىق بەلگىلىمە چىقىرىشى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي مەقسەت جىددىي دىققەت قوزغىشى كېرەك ئىكەن.