خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ قوراللىق كۈچى ۋە سىياسىي رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولغان

0:00 / 0:00

يېقىندىن بېرى بىڭتۇەن تاراتقۇلىرىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

7-ئاينىڭ 28-كۈنى «بىڭتۇەن گېزىتى» «بۇرچىمىزنى ئۇنتۇماي، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭ بىڭتۇەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ، بىڭتۇەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېگەن: «ھېچقانداق كۈچ بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر بىلەن يېزا ماسلاشقان يېزا-قىشلاق ماكانلىرىنى قۇرۇش كېرەك؛ بىڭتۇەننىڭ چېگرا رايوننى تىنچلاندۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىر-بىرىگە قوشۇپ ئېرىتىدىغان پېچ بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلى بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاپ چېگرا رايوننى قوغداشتەك ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك».

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ 2012-يىلدىن تارتىپ شەكىللەنگەنلىكى ۋە 2049-يىلغىچە پىلانلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ يەنە «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ ئىشى. پارتىيە ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ، شىنجاڭغا مەخسۇس ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئورۇنلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 1-ئاۋغۇست چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىڭتۇەن 8-دېۋىزىيە شەھىرى شىخەنزەگە بېرىپ، بىڭتۇەن قوراللىق كۈچلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «ئاۋانگارت قوشۇن» قۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، شىخەنزە شەھىرى بۇ يوليورۇققا ئاساسەن «جىددىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرىدىغان» تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەترىتى قۇرغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ بىڭتۇەننىڭ قوراللىق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتىن باشقا، ھىندىستان بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ بىڭتۇەندىكى كادىر ۋە ئەسكەرلەرگە قىلغان سۆزىدە، «يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرا رايوننى قوغداشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن بىڭتۇەن «ئىلغار خەلق ئەسكەرلىرى» قوشۇنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىڭتۇەن، دېۋىزىيە شەھەرلىرى، پولك-مەيدانلاردا «خەلق ئەسكەرلىرى» خىزمەت كومىتېتى ۋە ئىشخانىسى قۇرۇشنى، ھەر قايسى دېۋىزىيە شەھەرلىرى پارتكومىنىڭ باش سېكرىتارىنى مەزكۇر شەھەر قوراللىق قىسىمنىڭ باش سېكرېتارى قىلىشنى قارار قىلغان. بۇ قوشۇننىڭ ۋەزىپىسى «ئادەتتىكى ۋاقىتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، جىددىي ئەھۋالدا دەرھال ئاتلىنىش، جەڭ بولۇپ قالسا جەڭگە كىرىش» دەپ بېكىتىلگەن.

ئامېرىكالىق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى دوكتور ئاندېرىس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا بىڭتۇەننىڭ «خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى» بەرپا قىلىش مەسىلسىى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىڭتۇەن ئەسلىدىلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قويۇلغان بىر ھەربىي ئورگان. شۇڭا ئۇلار يېڭىدىن قۇرماقچى بولغان ‹خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى› زادى قانداق نەرسە، بۇنىسى تېخى نامەلۇم. شى جىنپىڭنىڭ ھازىر شىنجاڭدا ھەربىي كۈچلەرنى كۈچەيتىشى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ تېزلىتىشى، ئەڭ بولمىغاندا بىز كۆرگەن بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن».

يېقىندا ھېلىنا كېننىدى تەتقىقات ئورنى بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئوينىغان رولى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى لاۋرا مورفى (Laura Murphy) بۇ توغرۇلۇق يوللىغان تىۋېتتېر سۆزىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بىڭتۇەننىڭ ئېنىق ۋەزىپىسى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ‹تۆمۈر توقماق› بىلەن قوغداش».

بۇ يەردە دېيىلگەن تۆمۈر توقماق ئەلۋەتتە بىڭتۇەننىڭ قوراللىق كۈچى ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئەنسىرەپ، «سىرتقى دۈشمەن كۈچلەر» گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنمۇ بىڭتۇەننىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان.